ئانافىلاكسىيە
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
ھاياتقا تەھتىت بولغان زىيادە سېزىم رېئاكسىيىسى
anaphylaxis
全身性过敏反应
anafilaksi
مەلۇم شەيئىي ئادەم بەدىنى بىلەن ئۇچراشقاندا بەدەندە پەيدا بولىدىغان بىنورمال رىئاكسىيەنى زىيادە سەزگۈرلۈك رىئاكسىيەسى دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئەھۋال كۆپىنچە تېرىدە قىزىرىش، ئىششىش، قىچىشىش، بۇرۇن ئېقىش، بۇرۇن قىچىشىش… قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئەگەر زىيادە سەزگۈرلۈك رىئاكسىيەسى ئېغىر دەرىجىدە يۈز بەرگەندە ئادەم بەدىنىنىڭ نەپەسلىنىش سىستېمىسى ۋە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن قان بېسىمى چۈشۈپ كېتىش، يۈرەك بىنورمال سوقۇش، نەپەسلىنىشتە قىيلىنىش… قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ تەڭ كۆرۈلسە، ئادەم ھاياتىغا تەھتىد ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى ئانافىلاكسىيە دەپمۇ ئاتايدۇ.