ئۆپكە ئارتېرىيە قاپقىقى
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
ئۆپكە ئاتېرىيىسى كلاپانى, ئۆپكە كلاپانى, ئۆپكە ئارتېرىيىسى كىلاپانى, ئۆپكە ئارتېرىيە قاپقاق
Pulmonary valve
肺动脉瓣
pulmoner kapak
بەزىدە قىسقارتىلىپ ئۆپكە كلاپانى دەپمۇ ئاتاپ قويىدۇ. ئوڭ قېرىنچە بىلەن ئۆپكە ئارتېرىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان يەردە بولىدۇ. ئوڭ قېرىنچە قاننى ئۆپكە ئارتېرىيەسىگە سىقىپ چىقارغاندىن كېيىن، قاننىڭ ئارقىغا يېنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئائورتىك كلاپان ۋە ئۆپكە ئارتېرىيەسى كلاپانى ئاساسەن ئوخشاش ۋاقىتتا يېپىلىدۇ، ۋە يېپىلغان چاغدا يۈرەك سوقۇشىدىكى ئىككىنجى ئاۋازنى S2 شەكىللەندۈرىدۇ.