سىمپاتىك نېرۋا
sympathetic nerves
交感神经
sempatik sinir
ئۆزلۈكىدىن باشقۇرۇلغۇچى نېرۋا سىستېمىسى ( autonomic nervous system 自主神经系统 otonom sinir sistemi ) دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇ تۈردىكى نېرۋا سىستېمىسى يەنە تۆۋەندىكى ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.
- سىمپاتىك نېرۋا
- پاراسىمپاتىك نېرۋا
بىر ئورگاندا، بولۇپمۇ ئىچ ئورگانلاردا، سىمپاتىك ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا باراۋەر مەۋجۇد بولۇپ تۇرىدۇ. ئىككى سىستېمىنىڭ رولى كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بىر بىرىگە زىت ھالدا ئىشلەيدۇ.
سېمپاتىك نېرۋا سىستېمىسىنىڭ روللىرى : ئەگەر سېمپاتىك نېرۋا سىستېمىسى قوزغالسا ( جىددىي ئەھۋاللار، ئوڭايسىزلىنىش، ھاياجانلىنىش، تەنھەرىكەت، دورىلار )، كۆز قارچۇقى يوغىناش، يىراقنى تېخىمۇ روشەن كۆرۈش، يۈرەك سوقۇشنى تېزلەشتۈرۈش، يۈرەكنىڭ سىقىشىش كۈچىنى ئاشۇرۇش، كاناي يوللىرى كېڭىيىش ،ئاشقازان ئۈچەي لۆمۈلدەش ئاستىلاش، ئىسپىرما چىقىرىش، بالىياتقۇ قىسقىراش … قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.