سۆڭەك شالاڭ ماددىسى
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
سۆڭەك بوش ماددىسى, شالاڭ سۆڭەك ماددىسى, بوش سۆڭەك ماددىسى, شالاڭ ماددا
spongy bone
骨松质
süngerimsi kemik dokusu
سۆڭەكنىڭ ئۈچىنجى قاتلىمى بولسا شالاڭ سۆڭەك قاتلىمى. بۇ قاتلامنىڭ شەكلى ئاشخانىمىزدىكى قاچا يۇغۇچ بۇلۇتقا ئوخشاپ قالىدۇ يەنى شالاڭ بولۇپ، ئارىلىقلىرىدا بوشلۇق بولىدۇ. بۇ پۈتۈن بەدەندىكى سۆڭەكلەرنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ 20% نى ئىگەللەيدۇ. بۇ قاتلام سۆڭىكىڭىزنىڭ ئىلاستىلىكىنى ئاشۇرىدۇ، ھەم بۇ قاتلامدا ئوزۇقلۇق ماددىلار ساقلىنىدۇ، كالتسىينىڭ بەزى خېمىيىۋىلىك پائالىيەتلىرى بۇ قاتلامدا بولىدۇ. قىزىل يىلىك قىسمىمۇ مۇشۇ قاتتا كۆپرەك بولىدۇ.