Html code here! Replace this with any non empty raw html code and that's it.

قۇياش سىستېمىسىدىكى پىلانىتلار

قۇياش سىستېمىسىدىكى پىلانىتلار

قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ئىچىدىن سىرتىغا :
مېركۇرىي ، ۋىنىرا ، يەرشارى ، مارس ، يۇپىتېر ، ساتۇرن ، ئۇران ، نېپتۇن .

قۇياش سىستىمىسى قۇياشنى مەركەز قىلغان ، ھەمدە بارلىق قۇياشنىڭ ئېغىرلىق كۇچ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان ئاسمان جىسىمىنىڭ بىرلەشمىسى : 8 سەييارە ، ئاز دىگەندىمۇ 165 دانە ھەمراھى بار ، 5 دانە بايقالغان پەتەك يۇلتۇز ۋە مىليونلىغان قۇياش سىستېمىسى كىچىك ئاسمان جىسىملىرىدىن تۇزەلگەن .

بۇ كىچىك ئاسمان جىسىملىرى كىچىك سەييارە ، كۇيپېر بەلبېغى ئاسمان جخسىملىرى ، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ، بوشلۇق ئارا ماددىلاردىن تەشكىل قىلغان پىلانىتلار سىستىمىسىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ . قۇياش بولسا سامان يولى سىستىمىسىدىكى بىر ئاددى تۇرغۇن يۇلتۇز. قۇياش باشقا سانسىزلىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلارغا ئوخشاش يۇلتۇز تۇمانىدىن شەكىللەنگەن .

بۇ يۇلتۇز تۇمانى بۇندىن تەخمىنەن تۆت مىليارد 600 مىليۇن يىل ئىلگىرى سامان يولى سىستىمىسىنىڭ بىر بۆلىكىدە بولۇپ ، سامان يولى سىستىمىسى مەركىزى بىلەن بولغان ئارلىقى 30 مىڭ يۇرۇقلۇق يىلى يىراقلىقتا. ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ماسسى ھازىرقى قۇياش ماسسىنىڭ بەش مىليۇن ھەسسىگە تەڭ بولۇپ ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئۆز مەركىزىنى چۆرىدەپ ئايلىنىشىدىن ھازىقى قۇياش شەكىللەنگەن.

قۇياش شەكىللىنپ ئۇزۇن ئۆتمەي قۇياش ئەتراپىدىكى باشقا ئالەم ماددىلىرى يىغىلىپ ھازىرقى سەككىز پىلانىت ۋە باشقا قۇياش سىستىمىسى ئەزالىرىنى شەكىلىلەندۈرگەن.

ھازىر قۇياش سىستىمىسىدا سەككىز چوڭ پىلانىت بار. بۇ پىلانىتلار ئىككى تۈرگە ئايرىلغان بولۇپ يەرشارى تىپىدىكىلەر: مىركۇرى ، ۋىنىرا ، مارس ، يەر شارى قاتارلىق قاتتىق بولغان يەر پوستىغا ئىگە بولغان پىلانىتلار. بۇلارنىڭ ھەمراھى ناھايىتى ئاز بولۇپ مىركۇرى ۋىنىرىلارنىڭ ھەمراھى يوق. مارىسنىڭ سىرتىدا كىچىڭ پىلانىتلار بەلبىغى بولغانىقى ئۈچۈن بۇ پىلانىتلار يەنە بەلباغ ئىچىدىكى پىلانىتلار دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر تىپتىكىلەر يۇپىتىر تىپىدىكىلەر : يەنى بەلباغ سىرسىتىدىكىلەر . ئۇلارنىڭ قاتتىق يەر پوستى يوق . ئاساسەن گازلاردىن تۈزۈلگەن. ئۇلارنىڭ ھەمراھى ناھايىتى كۆپ . ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى ئۇلار نۇر بەلبىغىغا ئىگە بولۇپ ساتۇرىننىڭ نۇر بەلبىغى ئەڭ گەۋدىلىك ھەم ناھايىتى ھەيۋەتلىك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇياش سىستىمىسىنىڭ يىراق بۇرجىكىدە ھەجىمى كىچىك ئۆزىنىڭ تارتىش كۈچى بىلەن ئەتراپىدىكى باشقا ئاسمان جىسىملىرىنى ھەيدىۋىتەلمەي ئەگەشتۈرۋالىدىغان پىلوتۇن ، چارون قاتارلىق پەتەك پىلانىتلارمۇ بار .

قۇياش سىستىمىسىنى سانسىزلىغان ئۇششاق مۇزسىمان ئاسمان جىسىملىرىدىن تەركىپ تاپقان‹‹ ئوۋتې ›› يۇلتۇز بۇلىتى ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇلار قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرسىلا قۇياش سىستىمىسغا قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز نامى بىلەن كىرىدۇ. ئۇلار قۇياشنىڭ يۇقىرى تىمپىراتۇرسى ۋە قۇياش بورىنىنىڭ تەسىرىدە ناھايىتى ھەيۋەتلىك قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ھاسىل قىلىدۇ. قۇياشقا قانچە يىقىنلاشقانسىرى قۇيرۇقى شۇنچە چوڭ ھەم شۇنچە يورۇق بولىدۇ.

قۇياش سىستىمىسى ئالەم ئارا بوشلۇقى ھەرگىزمۇ قۇرۇق ئەمەس ھەرخىل رادئاتسىيەلىك نۇرلار، گازلار ، ئالەم ئارا ماددىلار بىلەن تولغان

خەتلىك مەزمون مەنبەسى: ۋىكىپېدىئا

https://ug.wikipedia.org/wiki/%D9%82%DB%87%D9%8A%D8%A7%D8%B4_%D8%B3%D9%89%D8%B3%D8%AA%DB%90%D9%85%D9%89%D8%B3%D9%89

سەمىمىي ئەسكەرتىش


  1. بىكەتتىكى مەزمونلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما 100 دە 100 لىق دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كېسەل ئالامىتى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم، دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  2. ياكى تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقى توغرىسىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇر ئۇيغۇرنى قوللاپ، ئۇيغۇرنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قوغدىشى، قىممىتىنى نامايەن قىلىشى كېرەك. بىكەتتىكى ماقالىلەر دوختۇرلىرىمىزنىڭ كىچە كىچە ئولتۇرۇپ، ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىلغان، قان تەرىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسىدۇر . ئەگەر سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، بېكىتىمىزنىڭ مەسئۇللىرى ياكى ئەسلى ئاپتور يازار بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
  3. باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمونلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمونلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسلى ئاپتور ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://www.dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,249FansLike
647FollowersFollow
1,610SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

spot_img