كىچىك ۋېنا تومۇر
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
كىچىك ۋىنا تومۇر, كىچىك ۋېنا قان تومۇر
venule
小静脉
toplardamarcık
تۈركچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
venule
بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى قانلارنى يۈرەككە توشۇيدىغان ئوتتۇرا ۋە كىچىكرەك ۋېنا قان تومۇرلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ تومۇرلار توپلىشىپ چوڭراق ۋېنا قان تومۇرنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا يۈرەكنىڭ ئوڭ دالانچىسىگە تۇتىشىدۇ.
تورلاردىكى تىببىي رەسىملەردە كۆپىنچە كۆك رەڭلىك تومۇر بىلەن ئىپادىلەيدۇ.
ۋېنا قان تومۇرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى تۆۋەندىكى جەدۋەلگە يىغىنچاقلاندى.
ئارتېرىيە | قىل تومۇر | ۋېنا | |
دىۋار تېمى | ئەڭ قېلىن | ئەڭ نېپىز | ئورتا |
ئىچ دىئامىتىرى | ئورتا | ئەڭ كىچىك | ئەڭ چوڭ |
ئىلاستىكىلىقى | ئەڭ كۈچلۈك | يوق دىيەرلىك | ئورتا |
قان ئېقىش سۈرئىتى | ئىتتىك | ئەڭ ئاستا | ئورتا |
قان بېسىمى | يۇقىرى | ئورتا | تۆۋەن |
رەڭگى | قىزىل رەڭدە (ئۆپكە ئارتېرىيەدىك قان رەڭگى قارامتۇلسىمان قىزىل) |
قارامتۇلسىمان قىزىل | قارامتۇلسىمان قىزىل(ئۆپكە ۋىنادىكى قان رەڭگى قىزىل) |
قان ئېقىش يۆلىنىشى | يۈرەكتىن كىتىدۇ | ئارتېىريەدىن ۋىناغا قاراپ | يۈرەككە قاراپ ماڭىدۇ |
ماددا ئالماشتۇرۇش | يوق | ئاساسلىق ئورۇن | يوق |
ئاق قان دانچىلىرى تىشىپ ئۆتۈشى | يوق | ئاساسلىق ئورۇن | يوق |
قان ئېقىش ئالاھىدىلىكلىرى | 1) يۈرەكنىڭ قىسقىراپ كېڭىيىشى
2) ئاتېرىيە تومۇر دىۋارى ئىلاستىكىلىقى 3) ئارتېرىيە تومۇر سىلىق مۇسكۇلى قىسقىراش |
1) ئاستا ئاقىدۇ
2) قىزىل قان دانچىلىرى تىزىلىپ ئۆتىدۇ |
1) ۋېنا ياپراقچىسى قاننىڭ ئارقىغا يېنىشىنى توسايدۇ
2) نەپەس ئالغاندا يۈرەككە قاراپ قان ماڭىدۇ 3) ئىسكىلىك مۇسكۇلى قىسقىرىغاندا قان سىقىلىپ يۈرەككە قاراپ ئىتتىلىرىدۇ |
رولى | پاكىز قاننى بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە توشۇش | ماددا ئالماشتۇرۇش | بەدەندىكى قاننى يۈرەككە توشۇش |