يۈرەك
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
قەلب
heart
ئىنگىلىزچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
cardiac (بۇ پەقەت تىببىي سۆزلۈك ئورنىدا ئىشلەيدۇ)
心脏
خەنزۇچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
心
kalp
تۈركچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
يۈرەك ئىككى ئۆپكىنىڭ ئارىسىدا، كۆكرىكىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن سەل سولغىراق جايلىشىدۇ. مۇشتۇم شەكلىدە بولىدۇ، ھەم تەخمىنەن ئۆزىڭىزنىڭ مۇشتۇمى چوڭ كىچىكلىدە بولىدۇ. ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەن ساغلام كىشىنىڭ يۈرىكىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 250 300 گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ.
يۈرەك تۆرەلمىنىڭ 2-ھەپتىسىدە ئاستا ئاستا شەكىللىنىشكە باشلايدۇ ۋە 8-ھەپتىسىگىچە بولغان ئارىلىقتا يۈرەكنىڭ دەسلەپكى شەكلى پۈتىدۇ. 10-ھەپتىدە يۈرەكنىڭ قان تومۇرىلىرى كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. تۇنجى قىتىم يۈرەك سوقۇشى 5-6 ھەپتىدە ئاستا ئاستا باشلىنىدۇ. ئەمما نورمالدا 9-10 ھەپتىلىرىدە ئاندىن دوختۇرخانىدا ھامىلىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشتە بىلگىلى بولىدۇ.
يۈرەكنىڭ نورمال سوقۇشى ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋۋال ئوڭ يۈرەك دالانچىسىنىڭ سىنۈس نوقتىسى دىگەن بىر يەردىكى مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشى بىلەن باشلايدۇ. ئاندىن يۈرەكنىڭ باشقا يەرلىرىگە تارايدۇ. پۈتۈن يۈرەك بوشلۇقلىرى بىر قىتىم سىقىشىپ بولغاندىن كىيىن، بىر قىتىملىق يۈرەك سوقۇش تاماملىنىدۇ.
يۈرەك سوققاندا دۇك دۇك دەپ ئىككى قېتىم ئاۋاز چىقىدۇ. بۇ ئاۋازلار ئاساسلىقى كلاپانلارنىڭ يىپىلغاندا بىر بىرىسىگە تەككەندە چىققان ئاۋاز. 1 ئاۋازنى S 1 دەپ قويىمىز، ئىككى ياپراقلىق كلاپان ۋە ئۈچ ياپراقلىق كىلاپاننىڭ يېپىلىشىدىن چىقىدۇ. 2 ئاۋاس S 2 ئاۋازى، غول تومۇر كلاپان ۋە ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپاننىڭ يېپىلىشىدىن چىقىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە S 3، S 4 دىگەندەك قوشۇمچە ئاۋازلار چىقىشى مۇمكىن. بەزى S 3 لەر بىلەن S 4 ئاۋازلارنىڭ ھەممىسى كېسەللىكنىڭ بىشارىتىدۇر.
نورمال كىشىلەرنىڭ يۈرەك سوقۇشى مىنوتىغا 60-90 ئەتراپىدا بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ مىنوتىغا 120-160 ئەتراپىدا بولىدۇ. 2-3 ياش ئارىسىدىكى بالىلارنىڭمۇ يۈرەك سوقۇشى 100 ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇزۇن يىل تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ نورمال يۈرەك سوقۇشى 60دىن ئاز بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئادەم تەنھەرىكەت قىلغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، يۈرەك سوقۇشى ئىتتىكلەپ، 150-200 قىتىمغىچە چىقىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ھەرىكەتتىن توختىغاندا، يۈرەك سوقۇشى ئاستا ئاستا ئەسلىگە كېلىدۇ. ئەگەر ئەسلىگە كەلمىسە، بىر كېسەللىكنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.
مۇشۇ ھىساپتا ئادەمنىڭ يۈرىكى بىر كۈندە تەخمىنەن 120000-150000 قىتىم سوقىدۇ. ھەر قىتىم سوقۇشتا يۈرەكتىكى قاننىڭ 55-60 پىرسەنتىنى ئىتىپ چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ قان تەخمىنەن 60-80 مىللىلىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. دىمەك، يۈرەك ھەر مىنوتتا 4.8 لىتىر ئەتراپىدا، ھەر كۈن 6900 لىتىر ئەتراپىدىكى قاننى بەدەنگە ئېتىپ بېرىشكە مەسئۇل.
قان تومۇرلار ئادەم بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىگە ئۇلىشىدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق ئوكسىگىن، ئوزۇقلۇقنى پۈتۈن بەدەندىكى ھەممە يەرگە يەتكۈزىدۇ، ھەم شۇ يەرلەردىن كېرەكسىز ماددىلارنى، كاربون تۆت ئوكسىدنى قايتا ئېلىپ چىقىدۇ.