ھۈجەيرە پەردىسى
Cell membrane
细胞膜
Hücre zarı
ھۈجەيرىنىڭ ماددا ئالمىشىشى ھۈجەيرە پەردىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەم بۇ ماددا ئالمىشىشلار ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال ئىشلەش ئىشلىمەسلىكى بىلەن ئۇدۇل مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ھۈجەيرە پەردىسى ئادەتتە ئىككى قات بولىدۇ. ماددىلارنىڭ مەسىلەن ناترىي، كالىي، كالتسىي، ھىدروگىن، ئوكسىگىن … قاتالىقلارنىڭ ئالمىشىشى، كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشى، دورىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى، ياغلارنىڭ ئىچىگە ياكى سىرتىغا چىقىرىلىشى… قاتارلىقلار مۇشۇ ھۈجەيرە پەردىسىدىكى ھەرخىل قاناللارنىڭ ئىشلەش مىخانىزمىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.