ھەيىز
menstruation, period
月经
adet
خانىم قىزلار ئىككىنجى جىنسىيەت ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغاندىن تارتىپ، كېلىماتېرىيە دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتا ھەر ئايدا جىنسىي يولىدىن قان كېلىش ئەھۋالىنى ھەيىز دەپ ئاتايدۇ. بەزىدە ئادەت دەپمۇ ئاتايدۇ.
كۆپىنچە خانىم قىزلارنىڭ ھەيىز دەۋرى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، يەنى 28 كۈندە بىر قېتىم كېلىدۇ، ۋە ھەر قېتىم كەلگەندە 3-5 كۈن داۋاملىشىدۇ. بەزى خانىم قىزلارنىڭ ھەيىز دەۋرى 28 كۈندىن ئاز ۋەيا كۆپ بولۇشى مۇمكىن.