ئارتېرىيە
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
ئارتېرىيە تومۇر, ئارتېر تومۇر
artery
动脉
arter
تۈركچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
arter damar
يۈرەكتىن پاكىز قاننى ئېلىپ پۈتۈن بەدەنگە توشۇيدىغان تومۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى ئارتېرىيە دەپ ئاتىلىدۇ. يۈرەكتى چىققان ئارتېرىيە تومۇرلار بىرقەدەر چوڭ بولىدۇ. ئورگانلار توقۇلمىلارغا بارغانسىرى كىچىكلەپ، ئىنچىكىلەپ ماڭىدۇ. كۆپىنچە رەسىملەردە ئارتېرىيە قان تومۇرنى قىزىل رەڭدە، ۋىنا قان تومۇرنى كۆك رەڭدە ئىپادىلەيدۇ.
ئارتېرىيە | قىل تومۇر | ۋېنا | |
دىۋار تېمى | ئەڭ قېلىن | ئەڭ نېپىز | ئورتا |
ئىچ دىئامىتىرى | ئورتا | ئەڭ كىچىك | ئەڭ چوڭ |
ئىلاستىكىلىقى | ئەڭ كۈچلۈك | يوق دىيەرلىك | ئورتا |
قان ئېقىش سۈرئىتى | ئىتتىك | ئەڭ ئاستا | ئورتا |
قان بېسىمى | يۇقىرى | ئورتا | تۆۋەن |
رەڭگى | قىزىل رەڭدە (ئۆپكە ئارتېرىيەدىك قان رەڭگى قارامتۇلسىمان قىزىل) |
قارامتۇلسىمان قىزىل | قارامتۇلسىمان قىزىل(ئۆپكە ۋىنادىكى قان رەڭگى قىزىل) |
قان ئېقىش يۆلىنىشى | يۈرەكتىن كىتىدۇ | ئارتېىريەدىن ۋىناغا قاراپ | يۈرەككە قاراپ ماڭىدۇ |
ماددا ئالماشتۇرۇش | يوق | ئاساسلىق ئورۇن | يوق |
ئاق قان دانچىلىرى تىشىپ ئۆتۈشى | يوق | ئاساسلىق ئورۇن | يوق |
قان ئېقىش ئالاھىدىلىكلىرى | 1) يۈرەكنىڭ قىسقىراپ كېڭىيىشى
2) ئاتېرىيە تومۇر دىۋارى ئىلاستىكىلىقى 3) ئارتېرىيە تومۇر سىلىق مۇسكۇلى قىسقىراش |
1) ئاستا ئاقىدۇ
2) قىزىل قان دانچىلىرى تىزىلىپ ئۆتىدۇ |
1) ۋېنا ياپراقچىسى قاننىڭ ئارقىغا يېنىشىنى توسايدۇ
2) نەپەس ئالغاندا يۈرەككە قاراپ قان ماڭىدۇ 3) ئىسكىلىك مۇسكۇلى قىسقىرىغاندا قان سىقىلىپ يۈرەككە قاراپ ئىتتىلىرىدۇ |
رولى | پاكىز قاننى بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە توشۇش | ماددا ئالماشتۇرۇش | بەدەندىكى قاننى يۈرەككە توشۇش |