ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلارئۇيقۇسىزلىقنى داۋالايدىغان رېتسېپلار

ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالايدىغان رېتسېپلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ياڭاق مېغىزى ، قارا كۈنجۈت ، ئۈجمە يوپۇرمىقى بىلەن ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش

ياڭاق مېغىزى ، قارا كۈنجۈت ، ئۈجمە يوپۇرمىقى50 گىرام ، بۇلارنى يانجىپ تالقان قىلىپ كومىلاچ ياسىلىدۇ ، ھەر بىر كومىلاچنىڭ ئېغىرلىقى 3 گىرام بولۇپ ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 9 گىرام ئىچىلىدۇ .

ئۇۋۇلاش ئارقىلىق ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش

ئۇخلىمىغاندا ، بىر پۇتنىڭ ئالقىنىغا يەنە بىر پۇتنىڭ باش بارمىقىنى قويۇپ ، پۇتنىڭ ئالقىنى قىزىغىچە سۈركەپ ، ئاندىن يەنە بىر پۇتقا يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇپ بەرگەندە ، چوڭ مېڭىنىڭ دىققىتى پۇتقا مەركەزلىشىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئادەم چارچاپ ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ–دە ، ئاسانلا ئۇخلاپ قالىدۇ .

دولانا مېغىزى ، چوڭ چىلان ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالايدۇ

دولانا مېغىزىنى يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن ، سوقۇپ ئۇۋۇتۇپ ، ئۇنىڭدىن 40 گىرام ئېلىپ ، ئۇنىڭغا ئۇۋۇتىلغان چوڭ چىلاندىن يەتتە تال ۋە ئازراق شېكەر قوشۇپ ، ئۇلارنى 400 گىرام سۇغا سېلىپ 20 مىنۇت قاينىتىلىدۇ ، تەييارلانغان قايناتما ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىلىدۇ ، ھەركۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىللىتىپ ئىچىپ بېرىلسە ، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ .

ياڭاق مېغىزى بىلەن ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاش

مۇۋاپىق مىقداردىكى ياڭاق مېغىزىنى پوستى بىلەن ئېزىپ ، ئۇنىڭغا قارا شېكەر قوشۇپ تاماقتىن كېيىن ئىچىلىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:05:06

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ