ئەتراپ لىمفىسىمان ئورگانلار
peripheral lymphoid organ
周围淋巴样器官
Çevresel lenfoid organ
پىشىپ يېتىلگەن B ۋە T لىمفا ھۈجەيرىلىرى ئانتىگېن بىلەن ئۇچرىشىپ بىرلىشىدىغان ۋە بۇ ئارقىلىق ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنى قوزغايدىغان ئورۇنغا بېرىلگەن ئىسىم. بۇ ئورگان تال، لىمفا تۈگۈنى، بويۇن بادام بەز ۋە ئۈچەيدىكى لىمفا توقۇلمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.