سۇ چېچىكى
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
سۇچىچەك, سۇچېچەك, سۇ چېچىكى, سۇچىچىكى, سۇ چېچەك, سۇ چىچەك, ئاقئانام, ئاقىنام, سۇ چىچىكى
chicken pox, varicella
水痘
su çiçeği
تۈركچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
su çiçek
سۇ چېچىكى كىملەردە بولىدۇ؟ سەۋەبى نىمە؟
سۇ چېچىكى كۆپىنچە 5-10 ياش ئارىلىقتىكى بالىلاردا كۆرۈلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك. ۋارىسېللا زوستېر ئىسىملىك ۋىرۇس يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدۇ.
سۇ چېچىكى داۋالاش پرىنسىپى
ئەگەر ساغلام بىر بالا بۇ كېسەللىككە يۇقۇملانسا، دىئاگنوزى ئېنىق توغرا قويۇلغاندىن كېيىن، ئادەتتە ئالامەتلەرگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. زىيادە قىچىشىش بولغاندا قىچىشىشنى توختىتىدىغان دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. قىززىتما يۇقىرىلىغاندا قىززىتما چۈشۈرۈش دورىسى ئىشلىتىلىدۇ. جىددىي ئەھۋاللاردا مەسىلەن، نەپەستە قىيلىنىش، قىززىتمىنى چۈشۈرەلمەسلىك، ئېغىر بەلغەملىق يۆتەل بولۇش… قاتارلىق ئەھۋاللاردا چوقۇم بالىلار دوختۇرى ۋەياكى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى بىلەن كۆرۈشۈش كېرەك.
تېخىمۇ كۆپ سۇ چېچىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمونلارنى دوختۇرلار تور بېكىتىمىزدىن تاپالايسىز.