* قارا قوينىڭ قۇيرۇق يېغىنى ئىگىر بىلەن كۆزگە تاڭسا ، كۆز ياشاڭغۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .
* پىياز سۈيىنى كۆزگە تېمىتىپ بەرسە شىپا بولىدۇ .
* خوراز ئۆتىنى ياش ئاقىدىغان كۆزگە سۈرتسە شىپا بولىدۇ .
* قىزىل ئالمىنىڭ ئىچىگە سېرىق ياغنى تىقىپ ، خېمىرغا ئوراپ ، پىشقاندا ئېلىپ ياغنى كۆزىگە سۈرسە ، ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ .
* كالىنىڭ ئۆتىنى ھەر كۈنى بىر قېتىم كۆزنىڭ سىرتىدىن سۈركەپ بەرسە ، كۆز ياشاڭغۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .