ھۈجەيرە يادروسى
nucleus
细胞核
çekirdek
ئالاھىدىلىكى: ھۈجەيرە يادروسى ئاسالىقى DNA ئۇچۇرلىرىمىزنى ساقلايدىغان ئورۇن دەپ چۈشەنسەڭلار بولىدۇ. ئۇنىڭمۇ يادروسى بار. د ن ئا دىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ھۈجەيرە يادروسىغا تۇتىشىپ تۇرغان ئېندوپلازما تورىدا رې نې ئا لار ئارقىلىق ھەرخىل روللارغا ئىگە ئاقسىللارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ھورمونلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇلار ئارقىلىق ھۈجەيرە ھەرخىل شەكىللەرگە كىرىدۇ، ھەم ئادەم بەدىنىدىكى ئوخشىمىغان ئورگانلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. ھەرخىل شەكىللەرگە ئۆزگىرىشى ئۈچۈن د ن ئا دىكى ئۇچۇرلارغا كېرەك بولىدۇ.