ۋاكسىنا
vaccine
疫苗
aşı
ۋاكسىنا، ئادەم بەدىنىنىڭ مەلۇم بىر كېسەللىككە قارشى ئىممۇنۇتېت كۈچى بولۇشنى مەقسەت قىلىش ئۈچۈن بېرىلىدىغان شۇ كېسەللىكنىڭ ئاجىزلاشتۇرۇپ تەييارلانغان ۋىرۇس، مىكروپ ۋەيا ئاجرالما ماددىلىرىدۇر. ئادەم بەدىنىگە مەزكۈر ماددا ۋەيا ۋىرۇس ۋەيا مېكروپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنۇتېت سىستېمىسى مەزكۈر كېسەللىكنى تونۇپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ئىممۇنىتېت كۈچىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ئىممۇنىتېت كۈچى بەدەندە بولغان مەزگىلدە، بۇ كېسەللىككە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.