تورداشدىن سوئال
ياخشىمۇسىز دوختۇر، بىزنىڭ مەھەللىدىكى ساغلىق ئوجاغىغا مەن بېرىپ تىزىملىتالامدىم؟ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز.
نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز. سالامەت تۇرۇپسىز.
تۈركىيەدىكى بارلىق كىشىلەر مەيلى پاسپورت، ئىقامىتى بولسۇن بولمىسۇن تىزىملىتالايدۇ. ئىقامىتى بارلار ئۆزىگە ئەڭ يېقىن يەردىكى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىگە (ساغلىق ئوجاغىغا) تىزىملىتالايدۇ. ئەگەر ئىقامىتى بولمىسا، شۇ رايوندىكى گۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (گۆچمەنلەر ساغلىق ئوجاغى) غا تىزىملىتالايدۇ. سىزگە ئەڭ يېقىن ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىگە بېرىپ سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ۋىدىئودىن تېخىمۇ تولۇق مەزمونلارنى كۆرەلەيسىز: