ئانا سەھىپەنۇرمەمەت دوختۇرنۇرمەمەت دوختۇر سوئال جاۋاپلىرى12-سوئال: تىزىملىتىش ئۈچۈن ئىقامەت بولۇش شەرتمۇ ۋەيا پاسپورت بولسىمۇ بولىۋېرەمدۇ؟

12-سوئال: تىزىملىتىش ئۈچۈن ئىقامەت بولۇش شەرتمۇ ۋەيا پاسپورت بولسىمۇ بولىۋېرەمدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

 تورداشدىن سوئال 

facebook تورداش
تورداش

ياخشىمۇسىز دوختۇر، مەھەللىمىزدىكى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىگە تىزىملىتاي دىگەن ئىدىم. تىزىملىتىش ئۈچۈن ئىقامەت بولۇش شەرتمۇ ۋەيا پاسپورت بولسىمۇ بولىۋېرەمدۇ؟

 نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ 

نۇر دوختۇر
نۇر دوختۇر

ياخشىمۇسىز. سالامەت تۇرۇپسىز.

قان تەكشۈرۈش، كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىقامەت بولمىسا  بولمايدۇ. چۈنكى سىستېمىغا ئىقمامەت ئارقىلىق شۇ بىمارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ۋە تەكشۈرۈشلەرنى كىرگۈزۈش لازىم، ۋاكسىنا ئەملىتىش ئۈچۈن ھىچ بولمىسا ئىقامەت نومۇرى ۋەيا ئانىسىنىڭ ئىقامىتى بولمىسا بولمايدۇ. ئەگەر شۇ بىمارنىڭ ۋەيا بالىنىڭ ئىقامىتى تېخى چىقمىغان بولسا ۋاقتىنچە گۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (گۆچمەنلەر ساغلىق ئوجاغى) غا بېرىش كېرەك. ھەربىر چوڭ رايوندا بىردىن بولىدۇ. ئۇ يەردە ئىقامىتى يوقلار ۋەيا ئىقامەت ۋە پاسپورت ئىككىلىسى يوق كىشىلەرگە قان، كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش ، ۋاكسىنا ئۇرۇش ئىشلىرىنى قىلالايدۇ.

تۆۋەندىكى ۋىدىئودىن تېخىمۇ تولۇق مەزمونلارنى كۆرەلەيسىز:

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-03-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-03-20 / 02:11:10

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ