ئانا سەھىپەنۇرمەمەت دوختۇرنۇرمەمەت دوختۇر سوئال جاۋاپلىرى16-سوئال: ئۆي كۆچۈش سەۋەبلىك. ئائىلە ھەكىمىنى قانداق ئالماشتۇرىمىز؟

16-سوئال: ئۆي كۆچۈش سەۋەبلىك. ئائىلە ھەكىمىنى قانداق ئالماشتۇرىمىز؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

 تورداشدىن سوئال 

facebook تورداش
تورداش

ياخشىمۇسىز دوختۇر، مەن ئىستانبۇلدىكى يېڭى بىر رايونغا كۆچۈپ كەلگەن ئىدىم، بۇرۇنقى تىزىملاتقان ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوچاغىغا) بارالمىغۇدەكمەن. مېنىڭ ئائىلە دوختۇرۇمنى ھازىرقى تۇرۇشلۇق مەھەللەمدىكى ساغلىق ئوجىغىغا ئالماشتۇرسام بولامدۇ؟ قانداق قىلسام بولىدۇ؟

 نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ 

نۇر دوختۇر
نۇر دوختۇر

ياخشىمۇسىز. سالامەت تۇرۇپسىز. تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇلدا ئائىلە دوختۇرىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.

  1. ئې نابىز E-nabız سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، تېلىفوندا ياكى كومپىيوتېردا نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئاسانلا ئالماشتۇرالايسىز. ئاي ئوتتۇرىدا ئالماشتۇرسىڭىز، شۇ كۈنى يېرىم كېچە 12 دە ئالمىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. ئاي بېشى ۋە ئاخىرىدا ئالماشتۇرسىڭىز ھەر ئاينىڭ 5-كۈنىگە كەلگەندە ئالمىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. تېلېفوندا 3 ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرالايسىز.
  2. سىز ئالماشتۇرماقچى بولغان يېڭى ئائىلە دوختۇرىڭىزغا دىسىڭىز سىستېمدىن ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ.
  3. سىز تۇرۇشلۇق رايون سەھىيە ئىدارىسى ( ئىلچە ساغلىق مۈدۈرلۈگۈ ilçe sağlık müdürlüğü) گە بېرىپ ئىلتىماس تاپشۇرىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ئائىلە دوختۇرىغا تىزىملىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىناۋەتلىك ئىقامەت لازىم. ئىقامىتى يوق، پەقەت پاسپورتى بارلار،  ۋەيا ئىقامىتى يوق ھەم پاسپورتى يوقلار ئائىلە دوختۇرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، رايون كۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى göçmen sağlığı merkezi ۋەيا göçmenler sağlık ocağı ) غا بېرىشى لازىم.

تۆۋەندىكى ۋىدىئودىن تېخىمۇ تولۇق مەزمونلارنى كۆرەلەيسىز:

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-03-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-03-20 / 04:07:20

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ