ئانا سەھىپەنۇرمەمەت دوختۇرنۇرمەمەت دوختۇر سوئال جاۋاپلىرى18-سوئال: ئائىلە دوختۇرىغا قانداق نومۇر ئالىمىز؟

18-سوئال: ئائىلە دوختۇرىغا قانداق نومۇر ئالىمىز؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

 تورداشدىن سوئال 

facebook تورداش
تورداش

ياخشىمۇسىز دوختۇر، مېنىڭ بىر ئىشنى بىلىپ باققىم بار.

ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى (ساغلىق ئوجاغى) ئائىلە ھەكىمى دوختۇرۇمغا ئۇدۇل بارسام بولامدۇ؟ نومۇر رەندىۋۇ ئېلىش كېرەكمۇ؟ نومۇر لازىم كېرەك بولسا قانداق ئالىمەن؟

رەھمەت دوختۇر

 نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ 

نۇر دوختۇر
نۇر دوختۇر

ياخشىمۇسىز. سالامەت تۇرۇپسىز.

تۈركىيەدە باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش دوختۇرغا كۆرۈنۈشتىن بۇرۇن نومۇر يەنى رەندىۋۇ ئېلىش لازىم. تۆۋەندىكى ئىككى ئۇسۇل ئارقىلىق ئائىلە ھەكىمى دوختۇرىڭىزغا نومۇر ئالالايسىز.

  1. MHRS سىستېمىسى ، مەركىزى ھەكىملەر رەندىۋۇ (نومۇر ئېلىش) سىستېمىسى. بۇ ئۇسۇل ئەڭ قولاي. ئەپ چۈشۈرۈپ، ئې دەۋلەت بىلەن كىرسىلا كۆرۈنىدۇ، ئالغىلى بولىدۇ. بەزى ساقلىقنى ساقلاش مەركەزلىرىدىكى دوختۇرلار بىمارلارنى ئالماي كېلىۋېرىڭلار دەيدۇ. مەسىلەن مەن ئىشلەۋاتقان يەر سەل كىچىك بولغاچقا، ھازىرچە نومۇر ئېلىش كەتمەيدۇ. چۈنكى ئۇنچىلىك كۆپ بىمار يوق.
  2. 182 گە تېلىفون قىلىپ نومۇر رەندىۋۇ ئېلىش.

سىز تىزىملاتقان ئائىلە دوختۇرىڭىزغا ئالدىن نومۇر ئېلىش لازىم ۋەيا ئەمەسلىكىنى شۇ دوختۇرىڭىزدىن سورىۋالسىڭىز ئەڭ ياخشى بولىدۇ.

سالامەت بولۇڭ.

تۆۋەندىكى ۋىدىئودىن تېخىمۇ تولۇق مەزمونلارنى كۆرەلەيسىز:

 

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-03-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-03-20 / 04:18:51

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ