بىمار سوئالى:
قاندا ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ
ئايالىم ھامىلدار 8 ئايلىق بولدى
تۇغۇت ئىشلىرىدا مەسلەھەت سوراي دىگەن
دۆلەت دوختۇرخانىسىغا ئاپاساق بۇلامۇ ياكى شەخسى دوختۇرخانىغىمۇ بىلەلمەي قالدۇق شۇنىڭغا مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز
دۆلەت دوختۇرخانىلىرىدا تۇغۇت دوختۇرلىرى ئەركىشىلەرمۇ كىرىدىكەن دىگەندەك گەپلەنى ئاڭلىغان
نۇرمەمەت دوختۇر جاۋابى:
ياخشىمۇسىز،
دۆلەت دوختۇرخانىلىرىدا ئاياللار تۇغۇتخانىسىدا ئەر دوختۇر ياكى سىستېرا ئىشلەيدۇ. ئايالىڭىزنىڭ مەسئۇل دوختۇرى ئايال بولسىمۇ ، ئەمما شۇ بۆلۈمدە ئىشلەيدىغان ئەر ئاسىستان دوختۇر، ئەر پراكتىكا دوختۇر، ئەر سىستېرا تۇغۇت جەريانىغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭغا ئالدىن ياق دىيىش سەل تەس.
پەقەت ئەر كىشى كىرمىسۇن دىسىڭىز، مۇنتىزىم شەخسىي دوختۇرخانىلار بىلەن كۆرۈشۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. بېرىپ يۈزتۇرانە سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ. تېلېفوندا سورىسىڭىز ئۇچۇرلار يەنە بىراز كەم كۇتا بولۇپ قالىدۇ. تۇغۇت مۇھىم ئىشى ، شۇڭا ئامال بار تۇغماقچى بولغان دوختۇرخانىنى يۈز تۇرانە بېرىپ سۈرۈشتۈرگەن ياخشى.
سىز تۇرۇشلۇق شەھەردىكى شەخسىي دوختۇرخانىلار بىلەن كۆرۈشۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.