ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى2-تىپلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ خەتەرلىك ئامىللىرىدىن قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ؟

2-تىپلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ خەتەرلىك ئامىللىرىدىن قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

2-تىپلىق دىيابېت كېسىلى يىلدىن-يىلغا كۆپەيمەكتە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 1985-يىلى پۈتۈن يەر شارىدا 2-تىپلىق دىيابېت بىلەن ئاغرىغانلار 30مىليون كىشى بولسا، 1993-يىلىغا بارغاندا كۆپىيىپ 98 مىليون 900 مىڭ كىشىگە يەتكەن

دەسلەپكى ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2020-يىلىغا بارغاندا 250 مىليونغا يېتىدىكەن. 2004-يىلى كانادادا 45 ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ ھەر تۆتىنىڭ ئىچىدە بىرسى 2-تىپلىق دىيابېت كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان ئىكەن. ئەگەر ۋاقتىدا كونترول قىلىنمىسا، 2020-يىلىغا بارغاندا بۇ نىسبەت تېخىمۇ يۇقىرىلايدىكەن. بۇنداق تېز سۈرئەتتە يۇقىرىلاشنى زادى نېمە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
1) ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ۋە سېمىزلىك: بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ۋە سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۇزۇن مۇددەت تەرتىپلىك ئوزۇقلىنىش، مۇۋاپىق جىسمانىي ھەرىكەت ئارقىلىق چېنىقىش ۋە ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىش لازىم. ئوزۇقشۇناسلار ئېگىزلىكىڭىز، ئېغىرلىقىڭىز ۋە خىزمەت خاراكتېرىڭىزگە ئاساسەن سىزگە ئوزۇقلىنىش سېتكىسى تۈزۈپ بېرىدۇ. كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ماي، ئاقسىلنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلغاندىلا، ئاندىن ئارتۇق مىقداردىكى يېمەكلىكلەرنىڭ مايغا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك كېسىلى بارلار دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە كۆرسەتمىسى ئاستىدا قائىدىلىك جىسمانىي ئەمگەك ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش، تاتلىق، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىش، يىرىك ئاشلىق ۋە تەركىبىدە تالالىق ماددىلار كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، سېمىز كىشىلەر ئورۇقلىتىش دورىلىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش، بىراق دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىش، دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرىگە دىققەت قىلىش لازىم.

2) قاندىكى ماي يۇقىرىلاش: بۇنى يېمەكلىكنى كونترول قىلىش، بەدەن ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىش ۋە قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق تەڭشىگىلى بولىدۇ.

3) يۇقىرى قان بېسىم: ئوزۇقلۇقنى تەڭشەش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش، ھاراقنى چەكلەش، تۇزنى كونترول قىلىش، كالىي ۋە كالتسىي مول بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق نورماللاشتۇرغىلى بولىدۇ.

4) ئاز ھەرىكەت قىلىدىغان خىزمەت ئۇسۇلى (شەكلى): ھەرىكەتنى كۆپەيتىش، ئۇزۇن ۋاقىت خىزمەت قىلىپ چارچاشتىن ساقلىنىش، كومپيۇتېر مەشغۇلاتى، تىنچ ئولتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇنلار (مەسىلەن: ماجاڭ، قارات) نى ئوينىغاندا، ھەربىر سائەتتە ئۆي ئىچىدە بىرئاز مېڭىپ ھەرىكەت قىلىش لازىم.

5) تاماكا چېكىش: تاماكا چېكىش بولسا دىيابېت كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، تاماكىنى قەتئىي چەكمەسلىك لازىم.2-تىپلىق دىيابېت كېسىلى پەيدا بولۇش خەۋپى بار بىمارلاردا بۆرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى دىيابېت كېسىلى يوقلارغا قارىغاندا تۆت ھەسسە يۇقىرى، تاماكا چېكىدىغان دىيابېت بىمارلىرىنى تاماكا چەكمەيدىغان دىيابېت بىمارلىرىغا سېلىشتۇرغاندا خەتىرى تېخىمۇ چوڭ.

6) ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە كۆپلۈكى: چوقۇم روھىي كەيپىياتنى تەڭشەش، بېسىمنى يېنىكلىتىش، نورمال ئۇيقۇغا كاپالەتلىك قىلىش.

7) ۋىتامىنلار يېتىشمەسلىك: بەزى 2-تىپلىق دىيابېت بىمارلىرىدا ئوكسىدلىنىشقا قارشى ۋىتامىنلار كەمچىل بولىدۇ. تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ۋىتامىنلار مول بولغان يېشىل كۆكتاتلار ۋە سەيلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش لازىم.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-12 / 10:56:41

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ