ئانا سەھىپەنۇرمەمەت دوختۇرنۇرمەمەت دوختۇر سوئال جاۋاپلىرى22-سوئال: ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە قايسى قان تەكشۈرۈشلەرنى قىلالايدۇ؟

22-سوئال: ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە قايسى قان تەكشۈرۈشلەرنى قىلالايدۇ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

 تورداشدىن سوئال 

facebook تورداش
تورداش

ياخشىمۇسىز دوختۇر، مەن تۈركىيە ئانتالىيادا تۇرىمەن.

مەھەللىمىزدىكى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى، ساغلىق ئوجاغى) غا كىرىپ قان تەكشۈرتۈپ باقاي دەپ ئويلىغانتىم.

ساغلىق ئوچىغىدا قايسى قان تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ قويالايدۇ؟

ئائىلە ھەكىمى دوختۇرۇمغا قانداق چۈشەندۈرسەم بولىدۇ؟

مۇشۇ توغرىلىق مەسلىھەت سوراي دىگەن ئىدىم. رەھمەت.

 نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ 

نۇر دوختۇر
نۇر دوختۇر

ياخشىمۇسىز، سالامەت تۇرۇپسىز. تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى) قان تەكشۈرۈش تاللاشلىرىنى توردىن ئىزدىسىڭىز ئاسانلا تاپالايسىز. مەنمۇ دوختۇرلار تور بېكىتىمىزگە ئۇيغۇرچە تۈركچە شەكىلدە چىقىرىپ قويىمەن ۋە كېيىنكى ۋىدىئولاردا ھەربىر تەكشۈرۈشنىڭ نىمىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى تەپسىلىيراق توختىلىپ ئۆتىمەن.

تۆۋەندە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە تۆۋەندىكى قان تەكشۈرۈشلەرنى قىلغىلى بولىدۇ. تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈشىنى ئاستىدىكى ۋىدىئونى كۆرۈپ بېقىڭ.

  • ئاچ قورساق قان شىكىرى، 3 ئايلىق قان شىكىرى ئەھۋالى
    aç karın şeker, 3 aylık şeker
  • قان گۇرۇپپىسى
    kan grubu
  • خېموگرام (قىزىل قان، ئاق قان دانچىلىرى، قان پلاستىنكىلىرى، قانسىزلىق ۋە باشقىلار)
    hemogram , kansızlık
  • بىئوخىمىيە قان تەكشۈرۈشى (جىگەر، ئۆت، ئاشقازان ئاستى بېزى، بۆرەك، ۋە باشقىلارنىڭ روللىرى)
    biyokimya (karaciğer, safra, pankreas, böbrek fonksiyonları)
  • يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر (ئەيدىز، جىنسىي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغلىرى)
    HIV, HBV, HCV, VDRL…
  • قاندا ياللۇغ ئەھۋالى، رېماتىزما شۈبھىسى،
    CRP, ASO
  • ھامىلدارلىق
    Beta-hcg
  • قاندىكى تۆمۈر ماددىسى ئەھۋالى، كالتسىي، ناترىي، كالىي، ماگنىي، فوسفور، خلور…ماددىلىرىنىڭ ئەھۋالى.
    Demir, Ca, K, Na, P, Cl, Mg….
  • قاندىكى ماي (خولىستېرول ۋە باشقىلار) نىڭ ئەھۋالى
    kolesterol, LDL, HDL,…
  • قالقانسىمان بەز رولى
    TSH, T4
  • مەزى بېزى ئۆسمىسى (راكى) شۈبھىسى
    PSA
  • مۇسكۇللارنىڭ ئېرىش ئەھۋالى
    ..

ئىلگىرى د ۋىتامىن، ب 12 ۋىتامىن، يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋىتامىنى (يەنى فولىك ئاسىت) لارنىمۇ ئۆلچىيەلەيتى. ھازىر ئۇلار چىقىرۋېتىلىپتۇ.

بۇ قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىمار بەدەن ساغلاملىقىدىن خېلى كۆپ ئۇچۇرلارنى (يەنى بىمارنىڭ ئومومىي بەدەن ئەھۋالىنى، مۇھىم ئورگانلىرىنىڭ رولى نورمال ۋەيا ئەمەسلىكى، بەزى سوزۇلما ۋەيا ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىن شۈبھىلىرى… ) بىلەلەيمىز. بۇ تەكشۈرۈشلەر ھەرگىزمۇ بىر تەكشۈرۈش بىر ئورگاننىڭلا ئىكەن، جىگەر ئۈچۈن ASTلا تەكشۈرسە يېتەرلىككەن، نىمە دىگەن ئاسان دەپ چۈشەنمەڭ. دوختۇرلار يۇقارقى تەكشۈرۈشلەر، بىمارنىڭ ئالامەتلىرى، كېسەل تارىخى، يىپ ئۇچلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۇرۇپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرنى ئالدىن بايقىيالايدۇ.

(بەزىدە ماڭا بىمارلار پەقەت قان تەكشۈرۈشىنى ئەۋەتىپلا، قاراپ باقسىڭىز ساقمىكەنمەن، دەپ سورايدۇ. مەن جاۋابىمدا بىمارنىڭ باشقا ئەھۋاللىرىنى سورايمەن، ئەگەر تولۇق تەمىنلەپ بەرمىسە، «تەكشۈرۈش نەتىجىڭىز نورمالكەن ۋەيا بىنورمالكەن» دەپ جاۋاپ بېرەلەيمەن خالاس. ئەمما بىر كىشىنىڭ ساق ۋەيا ساقسىز بولۇشىنى ھەرقايسى نوقتىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئانالىز قىلىش لازىم.)

سالامەت بولۇڭ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-03-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-02 / 04:47:31

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ