تورداشدىن سوئال
ياخشىمۇسىز دوختۇر، مەن تۈركىيە قەيسەرىدە تۇرىمەن.
بىزنىڭ مەھەللە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوجاغى) غا تىزىملاتقان ئىدىم. بارغان ھامان قان تەكشۈرۈش قىلىپ قويامدۇ؟
نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز، سالامەت تۇرۇپسىز.
تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوچىغى) غا بېرىپ قان تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە شەرتلەرگە توشۇش كېرەك.
- سىز شۇ ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدىكى مەلۇم دوختۇرغا تىزىملاتقان بولۇشىڭىز لازىم.
- ئىقامىتىڭىز يېنىڭىزدا بولۇشى لازىم.
- بەدىنىڭىزدىكى ئالامەتلەرنى، سىزنىڭ ئەندىشىڭىزنى دوختۇر ئومۇمىي باھالاپ ئاندىن قايسى تەكشۈرۈشلەرنى قىلىشنى قارار بېرىدۇ.
- شۇ مەركەزنىڭ قان ئالىدىغان كۈن ۋە ۋاقىتتا بولۇشى كېرەك. (مەسىلەن ئاۋجىلار 7.نومۇرلۇق ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە سەيشەنبە، پەيشەنبە ئەتتىگەن 8:30-9:30 ئارىسىدا قىلىدۇ، باشقا يەرلەردە ئوخشىمىغان ۋاقىتلار بولۇشى مۇمكىن.)
تۆۋەندىكى ۋىدىئودا تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈردۈم، ۋاقتىڭىز بولسا كۆرۈپ باقارسىز. سالامەت بولۇڭ.