ئانا سەھىپەنۇرمەمەت دوختۇرنۇرمەمەت دوختۇر سوئال جاۋاپلىرى27-سوئال: بىر ياشتىن كىچىك بوۋاق بالىلار سۇ چېچىكى بىمارى بىلەن ئۇچراشسا قانداق...

27-سوئال: بىر ياشتىن كىچىك بوۋاق بالىلار سۇ چېچىكى بىمارى بىلەن ئۇچراشسا قانداق قىلىش كېرەك؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

 تورداشدىن سوئال 

facebook تورداش
تورداش

ياخشىمۇسىز دوختۇر، مېنىڭ ئىككى بالام بار، بىرسى 6 ياش بالامدا سۇ چېچىكى ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، يەنە بىرى 5 ئايلىق بوۋاقتا ئالامەت يوق، قانداق قىلىشىم كېرەك؟

 نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ 

نۇر دوختۇر
نۇر دوختۇر

ياخشىمۇسىز.

6 ياشلىق بالا بىلەن 5 ئايلىق بوۋاقنى ئايرىم ئىككى ئۆيدە بېقىش كېرەك. سۇ چېچىكى ئاسان يۇقىدىغان كېسەللىك. بوۋاق بىر ياشتىن كىچىك بولسا، يۇقىرى ئىھتىماللىقتا تېخى ۋاكسىنا ئەملىتىلمىدى. شۇڭا بوۋاققا يۇقۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. بىر ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلاردا ئەگەر ھازىرچە ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن بولسا، سۇ چېچىكى بىمارى بىلەن ئايرىم ئۆيدە بېقىش، ئەگەر بوۋاقنىڭ قىززىتمىسى 37.8 دىن يۇقىرى چىقىشقا باشلىسا، ۋەيا بوۋاقنىڭ تېرىسىدە يەنە بىر 6 ياشلىق بالىغا ئوخشاش سۇ چېچىكى ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىسا ئائىلە دوختۇرىڭىز ۋەيا ئەڭ يېقىن بالىلار بۆلۈمىگە ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

تۆۋەندىكى ئادرىستا سۇ چېچىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار تەمىنلەندى.

سۇ چېچىكى ھەققىدە

سالامەت بولۇڭ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-04-23

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-04-23 / 12:23:36

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ