ئانا سەھىپەتۇرمۇشتۇرمۇش ساۋاتلىرى27 خىل داغنى مۇنداق يوقىتايلى

27 خىل داغنى مۇنداق يوقىتايلى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1 . تەر دېغى :

كىيىم – كېچەك تەردە ھۆل بولۇپ كەتكەندە ، تەر دېغىنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇلنىڭ بىرسىنى قوللىنىش كېرەك . تەر دېغى بار كىيىمنى 3~5%لىك تۇز سۈيىگە بىردەم چىلاپ قويغاندىن كېيىن ،سۈزۈك سۇدا بىر قېتىم يۇتۇۋېتىپ ئاندىن سوپۇن سۈركەپ يۇيۇش لازىم .خام زەنجىۋىلنى يۇمشاق سوقۇپ تەر دېغى ئۈستىگە سۈركىگەندىن كېيىن تەر دېغى بار جاي قايتا- قايتا ئۇۋىلىنىدۇ .كۆك كاۋىنىڭ سۈيىنى تەر دېغى بار جايغا سۈركىگەندە ،داغ چىقىپ كېتىدۇ .خىمىيىلىك تالادىن توقۇلغان رەختتىن تىكىلگەن تەر دېغى بار كىيىملەرنى ئاۋال 1~2%لىك ئامىياك سۈيىگە چىلاپ نىيتىراللىغاندىن كېيىن سۈزۈك سۇدا يۇغاندا تەر دېغى چىقىپ كېتىدۇ .

2 . قارا سىيا دېغى :

كىيىم -كېچەككە قارا سىيا دېغى يۇقۇپ قالسا ،بۇ ئۇسۇللاردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ .قار سىيا دېغى ئۈستىگە پىشۇرۇلغان گۈرۈچ بىلەن سوپۇن پاراشوكى سېلىپ ، داغ ئورۇننى سۇدا قول بىلەن ئۇۋىلاپ بەرگەندە داغ چىقىپ كېتىدۇ . بۇغداي ئۇنىدا ئەتكەن شىلىمغا ئازراق ئاشتۇزى ئارىلاشتۇرۇپ ،ئۇنى داغ ئورنىغا سۈركەپ ئاندىن داغ ئورنىنى قولدا يۇيۇشقىمۇ بولىدۇ .چىش پاستىسى ياكى ئىشلىتىلسىمۇ بولىدۇ .قارا سىيا دېغى ئاسانلىقچە چىقىپ كەتمىسە سوپۇننى ئىككى باراۋەر ئىسپىرتتا ئېرىتىپ ، ئېرىتمىنى داغ ئۈستىگە سۈركەپ ،داغ ئورنىنى ئۇۋىلاپ يۇيۇشقىمۇ بولىدۇ .

3 . كۆك سىيا دېغى :

كۆك سىيا دېغى يۇقۇۋالغان كىيىمنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا سۈزۈك سۇ ،سوپۇن ياكى ئېرىتكۈچتە يۇغاندا ، كۆك سىيا دېغى چىقىپ كېتىدۇ .كىيىمدىكى كۆك سىيا دېغى كونا داغ بولسا ، كىيىمنى %2 ئوكىسلاتا ئېرىتمىسىگە 5 ~10 مىنۇت چىلاپ قويۇپ ،ئاندىن سۇ ۋە ئېرىتكۈچتە يۇغاندا ،بۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ .

4 . قىزىل سىيا دېغى :

قىزىل سىيا يۇقىۋالغان كىيىمنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا سۈزۈك سۇدا يۇيۇۋېتىپ ، ئاندىن ئېرىتكۈچتە چىلاپ بىر قېتىم ئۇۋىلاپ يۇيۇۋېتىپ ،ئاخىردا سۈزۈك سۇ سۇدا چايقىۋېتىش كېرەك . ئەگەر سىيا دېغى كونا بولسا ، كىيىمنى ئاۋال ئېرىتكۈچتە چىلاپ بىر قېتىم پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن ،%10 ئىسپىرتتا يۇغاندا داغ چىقىپ كېتىدۇ .

5 .كۆپەيەم قەغەز دېغى :

بۇ خىلدىكى داغ ئىسسىتىلغان ئېرىگۈچكە چىلاپ ئۇۋىلىنىدۇ ، ئاندىن بېنزىن بىلەن يۇيۇلۇپ بولۇپ ، ئىسپىرتتا سۈرتۈپ يۇيۇلىدۇ .

6 . سۇرۇق دېغى :

بۇ خىلدىكى داغ ئورنى سوپۇن ئېرىتمىسىگە سېلىنىپ 10 مىنۇتتىن كېيىن ئىسپىرت بىلەن قايتا- قايتا سۈرتۈپ يۇيۇلىدۇ .

7 . شام دېغى :

شام دېغى بار ئورۇننىڭ ئاستى – ئۈستىگە تازلىق قەغىزى قويۇلۇپ رەخت ئۈستىدىن دەزمال سېلىنسا ، ئېرىگەن شامنى قەغەز سۈمۈرۈۋالىدۇ ،ئاندىن كېيىن داغ ئورنىنى ئېرىتكۈچتە يۇيۇلسا ،داغ چىقىپ كېتىدۇ .

8 . ماي دېغى :

ھايۋانات ياكى ئۆسۈملۈك مايلىرىنىڭ تېگىشىدىن پەيدا بولغان داغنى مۇنداق ئۇسۇل بىلەن چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ . بۇ خىل داغ ئورنى دېۋىرقاي سۈيى بېنزىنگە ئوخشاش پارلىنىشچان سۇيۇقلۇقلار بىلەن سۈرتۈپ يۇيۇلىدۇ . ئۇننى سوغۇق سۇدا شىلىم قىلىپ ،شىلىمنى داغ ئۈستىگە سۈركەپ ئاپتاپقا قويۇپ قۇرۇتۇپ ، شىلىم سويىۋىتىلگەندىن كېيىن داغ ئورنى ئېرىتكۈچ بىلەن يۇيۇلىدۇ .تۇرۇپ قاينىتىلغان سۇ بىلەن يۇيۇشقىمۇ بولىدۇ .

9 . كىرسىن دېغى :

كىرسىن دېغى بار نەرسىلەر شامال ئۆتىشىپ تۇرىدىغان جايغا قويۇپ قۇيۇلسا ،بىر قانچە كۈندە ماي پارغا ئايلىنىپ تۈگەيدۇ . كىرسىن ھىدىمۇ قالمايدۇ .ئەنە شۇ داغ ئورنى ئېرىگۈچ بىلەن يۇيۇلسا بولىدۇ . ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى ،كىرسىن دېغى بار نەرسىنى شامالداتقاندا ،داغ بار جايغا چاڭ – توزاڭ قونۇۋېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پاكىز قەغەز ياكى رەخت يېپىپ قويۇش كېرەك

10 . سىر دېغى :

سىر يۇقۇۋالغان كىيىمنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا دېۋىرقاي مېيى بىلەن سۈرتۈپ يۇيۇلۇپ ، ئاندىن بېنزىن بىلەن يۇيۇلسا بولىدۇ .سىر يۇقۇۋالغىلى ئۇزاق بولغان بولسا 1.1 % لىك ئىسپىرت بىلەن دېۋىرقاي مېيىنىڭ ئارىلاشمىسىغا چىلاپ ئۇۋىلاپ يۇيۇپ ،ئارقىدىن بېنزول ياكى بېنزىن بىلەن بىر قېتىم يۇيۇۋېتىپ ،ئاندىن ئېرىتكۈچ بىلەن يۇيۇپ سۈزۈك سۇدا چايقىۋېتىش كېرەك .يۇقۇۋالغىنىغا ئۇزاق بولغان سىرنى 10 -20 %لىك ئامىياك سۈيى ياكى دانكا سۈيىگە چىلاپ ئۇۋىلاپ يۇيۇپ ئاندىن ئېرىتكۈچ بىلەن بىر قېتىم يۇيۇۋېتىپ ،ئاخىردا سۈزۈك سۇدا يۇيۇشقىمۇ بولىدۇ .

11 . ئىس دېغى :

پاشىلىق ئىس تارتىپ قارىداپ كەتكەندە ئىككى سەر زەنجىۋىلنى ئېزىپ بىر داس سۇدا قايناتقاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ سۈيىگە پاشىلىقنى ئۈچ – تۆت سائەت چىلاپ قويۇپ ئاندىن قولدا ئۇۋىلاپ بەرگەندە ئىس چىقىپ كېتىدۇ .

12 .مەلھەم دورىلار دېغى :

بۇ خىل داغ بار نەرسىلەر ئاۋال كىرسىن ، بېنزىنلەر بىلەن چوتكىلىنىدۇ ياكى ئىسپىرت بىلەن ئۇۋىلاپ يۇيۇلىدۇ . داغ يوقالغاندىن كېيىن ئېرىتكۈچ بىلەن يۇيۇلىدۇ .

13 . كۆك يود دېغى :

بۇ خىل داغ ئورنى ئاۋال سوپۇن ۋە ئىسپىرت بىلەن سۈرتۈپ يۇيۇلۇپ ،ئاندىن %5 سودا سۈيى بىلەن ياكى قوش ئوكسىگېنلىق سۇ بىلەن يۇيۇلۇپ ،ئاخىردا سۈزۈك سۇ بىلەن چايقىلىدۇ .

14 .قىزىل يود دېغى :

بۇ خىل داغ ئورنى ئاۋال ئىللىتىلغان ئېرىتكۈچتە ئۇۋىلاپ يۇيۇلىدۇ ،ئاندىن داغ ئۈستىگە مارگانسوپ ئېرىتمىسى سۈركىلىپ ،داغ ئورنى چۆپ كىسلاتاسى بىلەن يۇيۇلۇپ ،داغ چىقىرۋېتىلگەنگە قەدەر سۈزۈك سۇدا چايقىلىدۇ .

15 . مارگانسوپ دېغى :

بۇ خىل داغ ئورنى ئىسپىرت كىسلاتاسى ياكى %2 چۆپ كىسلاتا سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇلۇپ سۈزۈك سۇدا چايقىلىدۇ ياكى ۋىتامىن “س”غا چىلاپ يۇيۇلىدۇ

16 . جياڭيۇ دېغى :

جياڭيۇ دېغى يېڭى داغ بولغان بولسا ، داغ ئورنىنى ئاۋال سوغۇق سۇدا ، ئاندىن ئېرىتكۈچتە يۇيۇلىدۇ .جياڭيۇ دېغى كونا داغ بولسا ، داغ ئورنىنى بىر باراۋەر ئامىياك سۈيىگە تۆت باراۋەر ئېرىتكۈچ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلاپ ئېرىتمىدە ئۇۋىلاپ يۇيۇلىدۇ .كونا داغنى %2 لىك دانكا ئېرىتمىسى بىلەنمۇ يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ .جياڭيۇ دېغى بار يۇڭ ،يىپەك كىيىملەرنى %10 لىك سترات كىسلاتاسىغا چىلاپ يۇيۇشقا بولىدۇ .ئەمما قايناق سۇغا چىلىماسلىق لازىم .قايناق سۇغا چىلىغاندا داغنى يۇيۇپ چىقارغىلى بولمايدۇ .

17 . قان دېغى :

قان يۇقۇۋالغان نەرسىلەرنى قايناق سۇغا چىلاشقا بولمايدۇ .يۇقۇۋالغان قاننى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا سوغۇق سۇ بىلەن چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ .يۇقۇۋالغىنىغا ئۇزاق بولغان قاننى .ئېرىتكۈچ بىلەن يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن سۇسراق ئامىياك سۈيىدە يۇيۇش كېرەك .بىر باش يېڭى تۇرۇپنى قەلەمچە قىلىپ ، ئازراق تۇز بىلەن .ئارىلاشتۇرۇپ سىقساق تۇرۇپنىڭ سۈيى چىقىدۇ . بۇ سۇ بىلەنمۇ قان دېغىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ .

18 . سۈيدۈك دېغى :

سۈيدۈك دېغى يېڭى داغ بولسا ، داغ ئورنى ئىلمان سۇدا يۇيۇلىدۇ ، كونا داغ بولسا سوپۇن پارشوكىنى ئىلمان سۇدا ئېرىتىپ تەييارلانغان ئېرىتمىگە ياكى سۇس ئامىياك سۈيىگە ،دانكا ئېرىتمىسىگە چىلاپ يۇيۇلۇپ ، سۈزۈك سۇدا چايقىلىدۇ .

19 . سۈت دېغى :

سۈت دېغى بار نەرسىلەرنى قايناق سۇغا چىلاشقا بولمايدۇ . سۈتنىڭ يېڭى دېغىنى سوغۇق سۇدا ، كونا دېغىنى ئېرىتكۈچتە بىر قېتىم يۇيۇۋېتىپ ، ئاندىن ئامىياك سۈيى بىلەن يۇيۇش لازىم .

20 . ھاراق ۋە پىۋا دېغى :

ھاراق ياكى پىۋىنىڭ يېڭى دېغىنى سۈزۈك سۇدا يۇسىلا چىقىپ كېتىدۇ . كونا دېغىنى ئاممىياك سۈيى بىلەن دانكا ئارىلاشمىسىدا يۇيۇش كېرەك .

21 .چاي ۋە قەھۋە دېغى :

چاي ياكى قەھۋە دېغىنى ئالدى بىلەن ئېرىتكۈچتە يۇيۇلىدۇ . ئاندىن ئازراق گلىتسېرىن بىلەن ئاممىياكنىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسىدە يۇيۇلىدۇ . يۇڭ رەختلەرنى ئاممىياكتا يۇيۇشقا بولمايدۇ ، شۇڭا چاي ياكى قەھۋە دېغى بار يۇڭ كىيىملەرنى %10 گلىتسېرىن سۇيۇقلۇقىدا چىلاپ يۇيۇش لازىم .

22 . ماروژنى دېغى :

ماروژنى دېغى بېنزىن ياكى ئامىياك سۈيىدە سۈرتۈپ يۇيۇلىدۇ .

23 . مېۋە دېغى :

مېۋە دېغى سۇسراق بولسا، سۈزۈك سۇ بىلەن يۇيۇلما چىقىپ كېتىدۇ .مېۋە دېغى ئۈستىگە ئاشتۇزى سېپىپ ، تۇز ئۈستىگە بىر ئاز سۇ قۇيۇپ تۇزنى ئېرىتىپ ،داغ بار ئورۇننى سوپۇن بىلەن يۇسا چىقىپ كېتىدۇ .مېۋە دېغى ئۈستىگە بىر قانچە قېتىم ئاچچىقسۇ تېمىتىپ ، داغ ئورنى يېنىك ئۇۋىلاپ يۇيۇلىدۇ ، ئاندىن سۈزۈك سۇدا چايقىۋېتىلسىمۇ بولىدۇ .داغ قېنىقراق بولسا ، داغ ئورنىنى %5 لىك ئامىياك سۈيىگە چىلاپ سوپۇن سۈيى بىلەن يۇيۇش لازىم .مېۋە دېغى بار يىپەك كىيىملەرنى سترات كىسلاتاسى بىلەن ياكى سوپۇن ، ئىسپىرىتلار بىلەن ئۇۋىلاپ يۇيۇشقىمۇ بولىدۇ .

24 . دات دېغى :

دات دېغى بار ئورۇننى ئىسسىق سۇغا چىلاپ بولۇپ ئاچچىقسۇ بىلەن ئۇۋىلاپ بىر قانچە مىنۇت يۇغاندىن كېيىن ، ئىسسىق سۇدا چايقىۋەتكەندە دات دېغى چىقىپ كېتىدۇ .داغ بار ئورۇننى سوغۇق سۇغا ، كېيىن چۆپ كىسلاتاسىغا چىلاپ سۈرتۈپ يۇيۇپ بەرگەندە ، دات دېغى چىقىپ كېتىدۇ .خىمىيىلىك تالادىن توقۇلغان ، دات دېغى بار رەختلەر %2 لىك چۆپ كىسلاتاسىدا يۇيۇلۇپ، ئىسسىق سۇدا چايقىۋەتسە بولىدۇ .

25 . ئوت – چۆپ دېغى :

ئوت – چۆپ دېغى بار كىيىم %20 لىك ئاشتۇزى ئېرىتمىسىگە ياكى تۇز ئارىلاشتۇرۇلغان سوپۇن سۈيىگە چىلاپ يۇيۇلسا بولىدۇ .

26 . ئاياغ مېيى دېغى :

ئاياغ مېيى يۇقۇپ كەتكەن كىيىم ئاۋال بېنزىن ، ئىسپىرىت ياكى دېۋىرقاي مېيى بىلەن تازىلىنىپ ،كېيىن سوپۇن بىلەن يۇيۇلىدۇ . ئاياغ مېيى كۆپرەك يۇقۇپ كەتكەن بولسا رەڭگى سۇس كىيىملەرنى ئالدى بىلەن بېنزىنگە چىلاپ ، ئارقىدىن %10 لىك ئامىياك سۈيىدە يۇيۇلۇپ ، ئاندىن ئىسپىرت بىلەن يۇغاندا ، ئاياغ مېيىنىڭ دېغى پاكىز چىقىپ كېتىدۇ .

27 . قۇسۇق دېغى :

قۇسۇق دېغىغا ئاۋال بېنزىن سۈركەش ، ئاندىن ئۇنى %5 لىك ئامىياك سۈيىدە يۇيۇش ، ئاخىردا سوپۇن بىلەن يۇيۇۋېتىپ ، ئىلمان سۇدا چايقاش لازىم .بۇنىڭدىن سىرت قۇسۇق دېغى ئاۋال %10 لىك ئاممىياك سۈيىدە نەمدەپ ، ئىسپىرت ئارىلاشتۇرۇلغان سوپۇن سۈيى بىلەن يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن ،ئىلمان سۇدا ئېرىتكۈچ بىلەن چايقاش لازىم .

ھەرخىل داغلارنى چىقىرۋېتىشتە تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش لازىم :

1 – ئاسان ئېرىمەيدىغان داغلارنى ئىتتىك پىچاق بىلەن قىرىشقا بولمايدۇ، بولمىسا رەختنىڭ تالاسى زەخىملىنىدۇ .

2 – داغنى سۈرتۈپ چىقىرۋېتىشتە ئاۋال داغنىڭ چۆرىسىنى سۈرتۈپ ، ئاندىن ئوتتۇرسىنى سۈرتۈش ، يامراپ كېتىشتىن ساقلىنىش .

3 – بېنزىن ، بېنزولغا ئوخشاش پارلىنىشچان مايلارنى ئىشلەتكەندە ئوتتىن يىراق تۇرۇش لازىم .

4 – چۆپ كىسلاتاسى زەھەرلىك ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىيىم – كېچەكلەرنى ئوڭاي چىرىتىدىغان بولغاچقا ، ئۇنى ئىشلىتىپ يۇيۇلغان نەرسىلەرنى دەرھال پاكىز چايقىۋېتىش كېرەك .

5 – مارگانسوپ ئۆتكۈر ئوكسىدلىغۇچى بولغانلىقتىن ،ئۇنى ئالدى بىلەن تازىلىنىدىغان كىيىمنىڭ بىر بۇرجىكىگە ئازراق تەگكۈزۈپ بېقىپ ، كىيىمنىڭ رەڭگى بۇزۇلمىسا ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك . يىپەك ۋە يۇڭ كىيىملەردىكى داغنى چىقىرۋېتىشتە ئاممىياك ۋە ئىشقارلىق سۇلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ .

6 – داغلارنى چىقىرۋېتىشتە ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى دورا ماگىزىنى ياكى خىمىيە سانائىتى خام ئەشيا ماگىزىندىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ

 

مەنبە:
ئىزدىنىش مۇنبىرى
Laqin_1

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-05-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-05-01 / 08:15:32

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ