ئانا سەھىپەنۇرمەمەت دوختۇرنۇرمەمەت دوختۇر سوئال جاۋاپلىرى31-سوئال: تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە FSH, LH قان تەكشۈرۈش قىلالامدۇ؟

31-سوئال: تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە FSH, LH قان تەكشۈرۈش قىلالامدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

 تورداشدىن سوئال 

facebook تورداش
تورداش

ياخشىمۇسىز دوختۇر، ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرۇم ماڭا FSH, LH قان تەكشۈرۈش روللىرىنى قىلدۇرۇپ كېلىشىمنى تاپىلىغان ئىدى. بۇلارنى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە (ساغلىق ئوجاغى) قىلغىلى بولامدۇ؟ يەنە قايسى قان تەكشۈرۈشلەرنى قىلغىلى بولىدۇ؟

 نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ 

نۇر دوختۇر
نۇر دوختۇر

ياخشىمۇسىز.

ياخشىمۇسىز دوختۇر، ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرۇم ماڭا FSH, LH قان تەكشۈرۈش روللىرىنى قىلدۇرۇپ كېلىشىمنى تاپىلىغان ئىدى. بۇلارنى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە (ساغلىق ئوجاغى) قىلغىلى بولامدۇ؟ يەنە قايسى قان تەكشۈرۈشلەرنى قىلغىلى بولىدۇ؟

ياخشىمۇسىز. تۈركىيە ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە FSH, LH قان تەكشۈرۈشلىرىنى قىلغىلى بولمايدۇ. ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە ھازىر (2022-يىلى) قىلغىلى بولىدىغان قان تەكشۈرۈشلەر تۆۋەندىكىچە:

ئاچ قورساق قان شىكىرى، 3 ئايلىق قان شىكىرى ئەھۋالى
aç karın şeker, 3 aylık şeker

قان گۇرۇپپىسى
kan grubu

خېموگرام (قىزىل قان، ئاق قان دانچىلىرى، قان پلاستىنكىلىرى، قانسىزلىق ۋە باشقىلار)
hemogram , kansızlık

بىئوخىمىيە قان تەكشۈرۈشى (جىگەر، ئۆت، ئاشقازان ئاستى بېزى، بۆرەك، ۋە باشقىلارنىڭ روللىرى)
biyokimya (karaciğer, safra, pankreas, böbrek fonksiyonları)

يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر (ئەيدىز، جىنسىي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى، يۇقۇملۇق جىگەر ياللۇغلىرى)
HIV, HBV, HCV, VDRL…

قاندا ياللۇغ ئەھۋالى، رېماتىزما شۈبھىسى،
CRP, ASO

ھامىلدارلىق
Beta-hcg

قاندىكى تۆمۈر ماددىسى ئەھۋالى، كالتسىي، ناترىي، كالىي، ماگنىي، فوسفور، خلور…ماددىلىرىنىڭ ئەھۋالى.
Demir, Ca, K, Na, P, Cl, Mg….

قاندىكى ماي (خولىستېرول ۋە باشقىلار) نىڭ ئەھۋالى
kolesterol, LDL, HDL,…

قالقانسىمان بەز رولى
TSH, T4

مەزى بېزى ئۆسمىسى (راكى) شۈبھىسى
PSA

مۇسكۇللارنىڭ ئېرىش ئەھۋالى
..

FSH, LH قان تەكشۈرۈشلىرى ئاياللىق ھورمونلىرىغا ھېساپ بولىدۇ. شۇڭا بۇنى ئاساسلىقى ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرىدۇ.

سالامەت بولۇڭ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-04-30

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-02 / 04:47:36

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ