بىمار سوئالى:
دوختۇر قانداق ئەھۋاللىرى
سالامەت تۇردىلىمۇ
مىنىڭ بالام 4 يىرىم ئايلىق بولغان بەك زۇكامداپ كىتىپتۇ تىنالماي قىيلىنىپ كىتىۋاتىدۇ شۇنىڭغا بىر ئۈنۈملۈك دورا بولسا دەپ بەرگەن بولسىلا
تىنالمىغانكىن ياخشى ئۇخلىيالمايدىكەن نەچچە كۈن بولدى مۇشۇنداق بوپ قالغىلى
نۇرمەمەت دوختۇر جاۋابى:
ياخشىمۇسىز.
قىززىش، يۆتەل بارمۇ يوقمۇ؟ ئەگەر بۇلار يوق پەقەت بۇرۇن توسۇلۇپلا قېلىۋاتسا، شەخسەن مەن دورا ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلمايمەن. بوۋاق بەك كىچىككەن.
1، دورىخانىدا بۇرۇننى تازىلايدىغان سۈمۈرگۈچ بار. ئىنچىكە شىلەڭكە شەكىلدە، بىر تەرەپنى ئاپىسى ئاغزى بىلەن شورايدۇ، يەنە بىر تەرەپ بىلەن بوۋاقنىڭ بۇرنى ئىچىدىكى ماڭقىنى تازىلايدۇ.
2. ئەگەر ئۆيدە بۇرۇنغا پۈركىگۈچ دورا قۇتىسى بولسا، ئىچىدىكى دورىنى تۆكۈۋېتىپ، پاكىز چايقىۋېتىپ نەچچە قېتىم. ئاندىن ئىلمان سۇغا بىراز تۇز قويۇپ تەڭشەپ(بەك تۇزلۇق بولۇپ كەتمىسۇن) ئاندىن شۇ پۈركىگۈچ بىلەن بوۋاقنىڭ توسۇلۇپ قالغان تەرەپتىكى بۇرنىغا پۈركىسە بىراز پايدا قىلىدۇ.
ئەگەر قىززىش، يۆتەل ئەھۋاللىرى بولسا باشقىچىراق تەكشۈرۈش، باھالاش ۋە داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش لازىم.