تورداشدىن سوئال
مىنىڭ يىشىم 25ياش،ئەر،ئىغىرلىقىم80kg،بوي ئىگىزلىكىم1.76cm،توي قىلمىغان.مەندە ھازىر كۆرلىۋاتقان ئالامەت ،كىچىك تەرەتتىن كىيىن چالا قىپقالغاندەك سىزىم بوپ ئەرلىك ئەزايىم ئىچشقاندەك بوپ ئاغرىيدۇ، بۇرۇن يەنى بىرە يىلچە بوپ قالغان كىچىك تەرىتىم چالا قالغاندەكلا تۇيۇلدىغان ئەھۋال بار ئىدى، شۇ ئەھۋالغا تىۋىپتىن دورا ئىلىپ ئىستىمال قىلغان ئىدىم، يىقىنكى 15/20كۈندىن بۇيان ئىچشىش، ئاغرىش ئەھۋالىمۇ پەيدا بوپ قالدى.تىۋىپنىڭ مەزىبىزىگە قارتا بەرگەن 3خىل تورسنى 20كۈنچە ئىستىمال قىلغان، ئۇنڭدىن باشقا داۋالىنىش ياكى دورا ئىشلەتمىدىم.
8/9ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ پات-پات بەل ئاغرىش ئەھۋالى بار ئىدى، بىر قانچە دوختۇرخانغا بىرىپ تەكشۈرتكەن بولساممۇ ھىچقانداق كىسەللىك ئەھۋالى بايقالمىغان.
مۇشۇ كىسسەللىك ئەھۋالىغا قارتا قانداق داۋالىنشىم كىرەك؟
: نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز، بويغا نىسبەتەن، بەدەن ئانچە ئېغىر ئەمەس. نورمالدا ئولتۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزۇنمۇ ئۇنى بىلەلمىدىم. مەزى بېزىدە ئىششىش ياكى سۈيدۈك يولى ياللۇغى بولۇشى مومكىن. بۇ ئىككىلىسى مۇشۇنداق ئەھۋاللار بولىدۇ.
نورمالدا بۇ ئەھۋاللارنى، سۈيدۈك كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ياخشى كۆرەلەيدۇ. كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق ياللۇغ بارمۇ يوق بۇنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشتە مەزى بېزىدە ئىششىش بارمۇ بۇنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە باشقا قوشۇمچە تەكشۈرۈش قىلىپ باقسا ياخشى بولىدۇ. چۈنكى سىز دىگەن ئالامەت بىر يىلنىڭ ياقى كىچىك تەرەت چالىلىق بار دىدىڭىز، بۇنىڭ ئۈچۈن مەزى بېزىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىككى قوشۇمچە تەكشۈرۈش بار ئۇنى قىلىشى مۇمكىن. بۇ تەكشۈرۈشلەر قىممەت ئەمەس. ئەگەر تۈركىيەدە بولسىڭىز، بۇ دىگەنلىرىم توپلام 200-300 لىرا ئەتراپىدا توختىشى مۇمكىن.
مەنچە بولسا، بۇ تەكشۈرۈشلەرنى قىلىپ بېقىش ئەرزىيدۇ. بۇ 2-3 خىل تەكشۈرۈشلەرنى سۈيدۈك يولى بۆلۈمى تەكشۈرىدۇ. ھەشەمەتلىك شەخسىي دوختۇرخانىغا ئەمەس، نورمال بىر دوختۇرخانىنىڭ سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە نومۇر ئالسىڭىز بولىدۇ.
بۇ مەزگىلدە، پەقەتلا بىرلا دورىنى تەۋسىيە قىلىمەن. monurol saşe 1*1
بۇنىڭدىن ئاۋۋال 1 بولاق ئېلىپ ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ئىچىڭ، ئەتتىگەن تۇرۇپ كىچىك تەرەت قىلىڭ. بىر قىتىملىقلا دورا. ئەگەر سۈيدۈك يولى ئىچىشىش، ئاغرىش ئەھۋالى بىراز ئازالسا، يەنە بىر بولاق ئېلىپ ئىككىنجى كۈنى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ئىچىڭ.
ياللۇغنى قايتۇرۇش ئانچە تەس ئەمەس. مەزى بېزىنى بىر ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش قىلىپ باقسىڭىز بەك ياخشى بولىدۇ. سىزنىڭ بۇ يېشىڭىزدا، بۇنداق كېسەللىكلەر ئالامەتلەرنى داۋالاش ئاسان. ساقىيىشمۇ ئاسان.