ئانا سەھىپەبىلىمتەۋسىيەلىرىمىزئا، ب، س، د، ئې، ك ۋىتامىنلىرى ھەققىدە بىلىم

ئا، ب، س، د، ئې، ك ۋىتامىنلىرى ھەققىدە بىلىم

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئالدىنقى لىكسىيەمىزدە، ۋىتامىنلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك بولغان ۋىتامىنلەرنىڭ 13 خىل تۈرى بارلىقى ۋە سۇدا ياغدا ئېرىيدىغان ئالاھىدىلىكى بارلىقى توغرىلىق توختىلىپ ئۆتتۇق. بۇ قېتىمقى لىكسىيەدە ھەرقايسى ۋىتامىنلەرنىڭ بەدەنگە بولغان پايدىسى زىيىنى، كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىكلىرى، ۋە قايسى ئوزۇقلۇقلاردا قانداق خىل ۋىتامىنلەرنىڭ بولىدىغانلىقى ئايرىم ئايرىم تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ئالدىنقى لىكسىيەمىز ۋىتامىنلارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن بولغان تونۇشتۇرۇلۇشى بولۇپ، تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرەلەيسىز.

ۋىتامىن دىگەن نىمە؟ ۋىتامىن ھەققىدە بىلىملەر

ھاياتتا، بەدەنگە كېرەكلىك بولغان نەرسىلەر، مەيلى تاماق بولسۇن، چېنىقىش بولسۇن ياكى باشقا ماددى نەرسىلەر بولسۇن، بۇلار ھەممىسى نورمىلىق بولسا ھايات ساغلام داۋام قىلىدۇ. ئەمما قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ، جىق بولۇپ كەتسە، ئىھتىياجىمىزدىن ئېشىپ كەتسە، بەدەنگە زىيان زەخمەت يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن تاماقنى بىر قىتىمدا جىق يەۋەتسەك، ئاشقازىنىڭىز كۆتۈرەلمەيدۇ قۇسۇۋېتىپ قالىمىز، ئاز يىسىڭىز ئاچ قېلىپ ھالسىز بولۇپ قالىسىز. ۋىتامىنلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە. بەزى ۋىتامىنلەر مىكروگرام دەرىجىدە ئاز لازىم بولسىمۇ، ئەمما شۇ ئىھتىياجدىن بىرازلا ئېشىپ كەتسە، بەدەندە زەھەرلىنىش پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

ۋىتامىنلەر
ۋىتامىنلەر

تۆۋەندە ھەرقايسى ۋىتامىنلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ بەدەنگە ئىھتىياجلىق مىقتارى، قايسى يىمەكلىكتىن ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى، بەدەندە كام بولسا ياكى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەنكەندە قانداق كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرىمىز. بۇ بەدەنگە ئىھتىياجلىق مىقتارى قىسمىدا بىز پەقەت قۇرامىغا يەتكەن ساغلام كىشىلەر يەنى 17 ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئەر ئاياللارنى كۆزدە تۇتتۇق. ھامىلىلەر، بىمارلار، ياشانغانلار، بالىلارنىڭ بولسا ئىھتىياجلىق مىقتارى ئوخشىمايدۇ. بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ ۋىتامىن ئىھتىياجى ئۈچۈن دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ تۇرۇپ تەۋسىيە ئېلىش لازىم.

ئەمىسە قېنى ئا ۋىتامىنىدىن باشلايلى.

ئا ۋىتامىن A vitamin

بۇ، ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن. 1912 يىلى ۋە 1914 يىلى ئارىلىقىدا بايقىلىپ ئىسىم بېرىلگەن. ئادەتتە سەۋزە، بېلىق گۆش مېيى ۋە ھايۋاناتلار جىگىرى، ئاناناس، قوغۇن، پالەك لەردە كۆپ بولىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ كۈنلۈك ئىھتىياجلىق مىقتارى 500-600 مىكروگرام ئەتراپىدا بولىدۇ. بەدەندە كام بولسا، نامازشام قارغۇسى، كۆز قۇرۇش كېسىلى، كۆرۈش نېرۋىلىرى يىگىلەپ قىلىش قاتارلىق كۆپىنچىسى كۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. شۇڭا بۇنى يەنە سەۋزە ۋىتامىن، ياكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋىتامىنىمۇ دەپ قويىمىز.

بەدەندە زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەندە ، قۇسۇش، ئۇيقۇسىراش، تېرە كېسەللىلىرى، سۆڭەك شالاڭلىشىش، جىگەر رولى نورمالسىزلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.

ب ۋىتامىن B vitamin

ب ۋىتامىنىغا كەلسەك، ب ۋىتامىنلەرنىڭ ھەممىسى ۋە س ۋىتامىن سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلاردۇر. ب ۋىتامىنى كۆپ تۈرلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 8 تۈرى ئادەم بەدىنىگە بىر قەدەر مۇھىم. بۇلار ب 1، ب 2، ب3، ب5، ب6، ب7، ب9، ب12 دۇر.

بۇ 8 تۈرلۈك ب ۋىتامىن ئىچىدە بىز دائىم تىلغا ئالىدىغىنىمىز ب 12 بىلەن يوپۇرماق كىسلاتاسى يەنى ب9 ۋىتامىنى بولۇپ، بۇ ئىككىسى كامچىل بولسا، بەدەندە قانسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قانسىزلىقنىڭ سەۋەبى كۆپىنچە تۆمۈر كامچىل بولغاندا ياكى ۋىتامىن ب 12 بىلەن يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋىتامىنى كەمچىل بولغاندا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ئادەتتە بەدەندە قانسىزلىقنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە مۇشۇ ئىككىسى ئورۇن ئالىدۇ.

ب ۋىتامىنلارنىڭ ھەر بىرىسىنىڭ تەپسىلى مەزمونلىرىنى كېيىنكى ۋىدىئولاردا تونۇشتۇرىمىز. ئومۇمىي جەھەتتىن قىلىپ ئېيتقاندا، ب ۋىتامىنلىرى ئادەتتە ھايۋاناتلار گۆشىدە، جىگىرىدە، بېلىق گۆشى، پۇرچاق، ياڭاق، يەر ياڭىقى، تۇخۇم، سۈت مەھسۇلاتلىرى، بۇغداي مەھسۇلاتلىرىدا كۆپرەك بولىدۇ.  شۇڭا گۆشسىز تاماق يەيدىغانلاردا ب 12 كامچىللىك كېسىلى ئاسان پەيدا بولىدۇ.

ب ۋىتامىنىنىڭ تۈرى كۆپ بولغاچقا، ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇنىڭ تەپسىلى مەزمونىنى كىلەركى ۋىدىئوغا قويدۇق.

س ۋىتامىن C vitamin

س ۋىتامىن بولسا، بىزگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان ۋىتامىنلەرنىڭ بىرى ۋە ئەڭ بۇرۇن رولى بايقالغان ۋىتامىنلەرنىڭ بىرى دىسەكمۇ بولىدۇ. غەۋۋاسلار كېسىلى دەل مۇشۇ ۋىتامىن كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ ۋىتامىن كەمچىللىگىگە 1747 يىلى ئەتراپىدا سەۋەبى ئېنىقلىنىپ تېپىلىپ، ھەقىقىي داۋالاشلار ئېلىپ بېرىلگەن. س ۋىتامىنى مىۋىلەردە ۋە يېڭى كۆكتاتلاردا كۆپ بولۇپ، بۇ ۋىتامىن بەدەن تېرىسىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ھەم يارىلارنىڭ ئىتتىك ساقىيىشىغا پايدىلىق. قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر كۈنلۈك ئىھتىياجى 90 مىللىگىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. نورمال ھاياتتا سى ۋىتامىنى كەمچىللىك بەك جىق كۆرۈلمەيدۇ. بۇ كۆپىنچە دېڭىزدا ياشايدىغانلار، يېڭى كۆكتات، مىۋىلەرنى يىيەلمەيدىغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۇرۇنقى زاماندا كۆپ كۆرۈلىدىغان غەۋۋاسلار كېسىلى دەل مۇشۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى.

سى ۋىتامىنى كەمچىل بولغاندا، ھارغىنلىق، يارىلار ساقايماسلىق، چىش مىلىكلىرى يارا پەيدا بولۇش، بەدەن ئاغرىش، كەيپىيات بۇزۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئېغىرراقلىرى ئاخىرىدا ئۆلۈپ كىتىش خەۋپى بولىدۇ. س ۋىتامىنىنى زىيادە كۆپ ئالغاندا، قورسىقى ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچى ئىلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

د ۋىتامىن D vitamin

د ۋىتامىنى ئەڭ ئاۋۋال 1922 يىلى بايقالغان بولۇپ بەدەندىكى سۆڭەكلەرگە پايدىلىق بولغان ۋىتامىندۇر. د ۋىتامىنى قاندىكى كالتسىينىڭ سۆڭەككە كىرىشىگە ياردەم قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن د ۋىتامىنىنى كالتسىي بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ دىسەكمۇ بولىدۇ. د ۋىتامىنى ئاساسلىقى ئاپتاپقا سۇنۇش ئارقىلىق ۋە بېلىق مېيى، تۇخۇم سېرىقى، سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق تولۇقلىنىدۇ. ئاپتاپقا سۇنغاندا بەدەن ئۆزلۈكىدىن ۋىتامىن د ئىشلەپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئادەتتە چوڭلار بىزگە سۈتنى جىقراق ئىچىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەر كۈندىلىك ئىھتىياجى 5-10 مىكروگرام ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەگەر د ۋىتامىن كىچىك بالىلاردا كەمچىل بولسا راخىت كېسلى كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ تىپىك كېسەللىك ئالامىتى، ئو شەكىلدىكى پاچاقتۇر. ياشانغانلاردا بولسا، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكى پەيدابولىدۇ. بالىلار ھەم ياشانغانلار ئىككىلىسىدە سۆڭەكلەر كۈچسىز ئاسان سۇنىدىغان ئېگىلىدىغان، بەدەن بويى قىسقىرايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. د ۋىتامىنى بەدەندە زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، بۆرەكنى زەخىملەندۈرىدۇ. تېرىدە كالتسىي جىقلاپ كېتىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ. ۋىتامىندىن جىددىي زەھەرلىنىش ئەھۋاللىرىدا، قۇسۇش، ئىچى ئېلىشىش، كۈچسىزلىنىش، يۈرىكى ئىتتىك سېلىپ كىتىش ئەھۋاللىرى بولىدۇ.  دۇنيادا ئاياللاردا د ۋىتامىنى، ب 12 ۋىتامىنى، تۆمۈر ماددىسى كەمچىللىكى بەك كۆپ كۆرۈلىدۇ. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر خانىم ئاياللىرىمىزنىڭ 70 80% دە بۇ ئەھۋاللار بار دىسەك بولىدۇ.

ئې ۋىتامىن E vitamin

ئې ۋىتامىنى بولسا ئەڭ ئاۋۋال 1922 يىلى بايقالغان بولۇپ، بۇ ۋىتامىن ھۈجەيرە پوستىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاپ قېلىشقا ياردىمى بولىدىغانلىقى، ئەرلىك ۋە ئاياللىق ھورمونلارنى كۈچلۈندۈرۈش، ھەم ھامىلە چۈشۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق روللىرى بارلىقى بايقالغان. نورمال كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىھتىياجى 15 مىكروگرام ئەتراپىدا. ئې ۋىتامىنىنى يەر ياڭىقى، كۆكتات مېيى، ئاپتاپپەرەس مېيى، كۆممۈقۇناق مېيى، ۋە بەزى كۆكتاتلاردىن تولۇقلىيالايمىز. ئەگەر ئې ۋىتامىنى كەمچىل بولسا، قان ئېرىپ كېتىش كېسەللىكى، جىنسىي ھىسسىيات ئاجىزلىشىش، ئاشقازان ئۈچەي راھەتسىزلىنىش، چاچ تۆكۈلۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ك ۋىتامىن K vitamin

ك ۋىتامىنى، ئەڭ ئاۋۋال 1929 يىلى بايقىلىپ ئىسىم بېرىلگەن.  كالتسىي بىلەن بىرلىشىپ، قاننىڭ نورمال قېتىشىغا ياردەمدە بولىدۇ. ك ۋىتامىنىنىڭ ئىسمى گىرمانچە كوئاگۇلاسيون دىن كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى قان قېتىش بەدەندىكى قان قېتىش ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر ۋىتامىن. جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە، بەزىدە قان چىقىپ كىتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە كى ۋىتامىنى بېرىمىز. نورمال كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىھتىياجى 120 مىكروگرام ئەتراپىدا. ئەگەر كەمچىللىك كۆرۈلسە، قان توختاش تەسكە چۈشۈش، بەدەندە تېرىنىڭ ئاستى قىسمىدا، چىش مىلىكلىرىدە، بۇرۇن قۇلاقدىن، كۆز ئېقىدىكى قان تومۇرلاردىن ئاسان قان چىقىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئېغىرراقلىرى مېڭە قان تومۇرلىرى پارتلاپ قاناش يۈز بېرىشى مۇمكىن.

بۇ دەپ ئۆتكەن مەزمونلار مۇتلەق يا ئانداق يا مۇنداق دىگىلى بولمايدۇ. چۈنكى ۋىتامىنلار، مىنىرال ماددىلار ۋە باشقا بەدەنگە ئىھتىياجلىق بولغان ماددىلار تەبىئەتتىكى خىل مۇ خىل ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئىچىگە كىرىشىپ كەتكەن بولۇپ، مەلۇم ئوزۇقلۇق چوقۇم مەلۇم بىر يىمەكلىك ئىچىدىلا بولىدۇ دەپ مۇتلەق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بۇ يەردە پەقەت پىرسەنتلەشتۈرۈپ چىقىرىلغان يەكۈن بولغاچقا، سۈتنىڭ ئىچىدە د ۋىتامىنىلا بار ، باشقا ۋىتامىن يوق دەپ كىسىپ دەۋەتكىلى بولمايدۇ. پەقەت شۇ سۈتنىڭ ئىچىدە ۋىتامىن د بىلەن كالتسىي باشقا ۋىتامىنلارغا قارىغاندا كۆپ سالماقنى ئېگەللەيدۇ خالاس.

يېغىپ ئېيتقاندا، بەدەندە ۋىتامىن كەم بولماسلىقى ئۈچۈن، تاماق تاللىماسلىقىمىز لازىم. بۇ ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا. ئىستىمال قىلغان تاماق، يىمەكلىك، ئوزۇقلۇق كۆكتات، گۆش مەيلى نىمىلا بولمىسۇن، بىر تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىشىمىز لازىم. يەككە بىر خىل يىمەكلىكنى كۆپ يىمەسلىكىمىز لازىم. بۇنىڭدىن سىرت بەدەندىكى بەزى سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرمۇ بەدەننىڭ نورمال ۋىتامىن ئېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، بۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك. مەسىلەن ئاشقازان، ياكى 12 بارماق ئۈچەيدە مەسىلە بارلاردا ب ۋىتامىنى كەمچىللىك پەيدا بولىدۇ.

ۋىتامىنلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى تەۋسىيەسى

ئەگەر بەدەندە ۋىتامىن كەمچىل بولسا، ۋىتامىن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ ئسىتىمال قىلسا بولىدۇ. ئامال بار دوختۇر تەۋسىيە ئاستىدا ئىستىمال قىلغان ياخشى ھەم بىر مەزگىل ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق،  بەدەندىكى شۇ ئالاقىدار ۋىتامىنلارنىڭ سەۋىيەسىنى بىلىپ ھەم دوختۇردىن مەسلىھەت ئالسا ئەڭ ئاقىلانىلىق بولىدۇ. تېرىگە ئۇدۇل ئىشلىتىلىدىغان ماي تۈرىدىكى ۋىتامىن مەھسۇلاتلىرى ئەگەر يان تەسىر زىيادە سىزىمچانلىق كۆسەتمىسىلا ئىشلىتىپ باقسا بولىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، ياشانغانلار، تاماق تاللايدىغان كىچىك بالىلار، ھامىلە ھەمشىرىلەر، بەدەندە سوزۇلما كېسەللىكلىرى بولغانلار ياكى قان تەكشۈرۈشتە بەدەندە ۋىتامىن كەمچىل چىققانلار، ۋىتامىن مەھسۇلاتلىرى ئىستىمال قىلىش ئالدىدا چوقۇم دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىش لازىم.

ئەسكەرتىش: بۇ لىكسىيەدىكى مەزمونلار پەقەت تورداشلارنىڭ پايدىلىشقا سۇنۇلغان بولۇپ، بۇ مەزمونلارمۇ شۇ ئۆزۈمنىڭ بىلىمى يېتىشىچە، توردىن كىتاپلاردىن ئۆگەنگەن ھەم بەزىلىرى كېسەل داۋالاش جەريانىدا يەكۈنلىگەن تەجرىبىلەرىمدىن ئىبارەت. ئەمما ئەگەر بەدىنىڭىزدە ياكى ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەردە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

كۆرۈشكىچە سالامەت بولۇڭلار.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-04-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 04:25:26

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ