AB+ قان
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
ئو پوزىتىۋ قان تىپى, AB پوزىتىۋ قان, ئو مۇسبەت قان, AB مۇسبەت قان
ئو پوزىتىۋ قان گۇرۇپپا
AB+ blood
باشقا ئىنگىلىزچە ئاتىلىشلىرى:
AB positive blood type, AB positive blood group, AB+ blood group, AB Rh+ blood type
AB阳性血型
باشقا خەنزۇچە ئاتىلىشلىرى:
O+血, O+ 型血, O+血型,
AB pozitif kan grubu
باشقا تۈركچە ئاتىلىشلىرى:
AB+ kan, AB Rh+ kan grubu
—————————————————
بەزىدە AB پوزىتىۋ قان تىپى دەپمۇ ئاتايدۇ.
پوزىتىۋ سۆزى مۇسبەت مەنىسىدە بولۇپ، مېدىتسىنادا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا + بەلگىسى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. بۇنىڭ تببىي مەنىسى بولسا، بار، پەيدا بولغان، ئىچىدە بار، پەيدا بولۇپتۇ … قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.
AB مۇسبەت قان تىپى: بۇ تۈردىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسى يۈزىدە ھەم A ھەم B ئانتىگېن ئاقسىلى بار، ھەم Rh ئانتىگېن ئاقسىل بار. بۇ تىپتىكى قاندا، بۇ ئاقسىللارغا قارشى ئانتىبادى پەيدا بولمايدۇ. بۇ سەۋەبلىك، بۇ قان تىپىدىكى كىشىلەر، ھەرقانداق كىشىدىن قان ئالسا بولىدۇ. زىيادە سېزىمچانلىق يۈز بەرمەيدۇ.
ABO ئاقسىللىرى ۋە Rh ئاقسىلى ناھايىتى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسى سىرتقى يۈزىدە بولغاچقا، كۆپىنچە دوختۇرخانىلاردا، بۇ ئىككى خىل قان تىپى سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ قوللىنىدۇ. يەنى توپلام 8 تۈرلۈك قان تىپى شەكىللىنىدۇ. AB مۇسبەت قان تىپى قان تىپى مۇشۇ قان تىپلىرىنىڭ بىرى. تەپسىلاتى ئۈچۈن تۆۋەندىكى جەدۋەلگە قاراڭ. سىزنىڭ قان تىپىڭىزمۇ مۇشۇ قان تىپلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىرسى
قان تىپىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ تەپسىلىي مەزمونلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ.