ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىئاچچىقلىنىش--ئەرلەرنىڭ يىغلاش ئۇسۇلى

ئاچچىقلىنىش–ئەرلەرنىڭ يىغلاش ئۇسۇلى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھازىرقى جەمئىيەتتە ، ئەرلەر ناھايىتى قالتىس ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتقان بىلەن ، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى نۇرغۇن ھارغىنلىق ئىچىدە كۈن كەچۇرۋاتىدۇ يېقىندا ئامېرىكا ساغلاملىق تور بىكەتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، ئامىرىكىدىا ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش مۇمكىنچىلىقى ئاياللارنىڭ 4 ھەسسىسى ئىكەن.

ئاچچىقلىنىش--ئەرلەرنىڭ يىغلاش ئۇسۇلى

بۇنىڭدىن شۇنى بىلىۋالغىلى بولىدۇكى ، كۆپلىگەن ئەرلەر خامۇشلۇق كېسەلىكى بولسىمۇ لېكىن خامۇشلۇق كېسىلىنڭ قايغۇرۇش ، روھىي جەھەتتىن قورقۇش ، بىئارام بولۇش دەك كېسەللىك ئىپادىلىرى كۆرۈلمەيدۇ ، شۇڭلاشقا قالغان يېرىم ساندىكى كىشىلەرنىڭ كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويماق تەس توختاپ قالغان .

ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا ، ئەرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىپادىلرى : ھاراق ئىچىش ، قوپاللىق قىلىش ، زەھەرلىك چىكىملىك چېكىش ، قاتناش ۋاسىتلىرىنى (مەسىلەن ماشىنا ، موتوسىكىلىت …) يۇقىرى سۈرئەتتە ھەيدەش، باشبالتاقچىلىق قىلىش ، تەڭ تۇرۇش لاردىن ئىبارەت . ئۇلار ئايال خامۇشلۇق كېسەللىكى بىمارلىرىغا ئوخشاش ئوزىدىن گۇمانلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەسىتىن ، بەلكى باشقىلارنى بوزەك قىلىش ، قورقىتىش ، خاتالىقلارنى ئەترەپتىكى كىشىلەرگە دۆڭگەپ قويۇشدەك ئىشلەرنى قىلىدۇ . كۆپلىگەن ئەرلەرنى ئېلىپ ئېيتقاندا ئاچچىقلىنىش ئىچكى روھىي دۇنياسىدىكى ئازابنى يوشۇرۇشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى بولۇپ ، بۇ خىل ئىپادە ئارقىلىق باشقىلارنى كونتىرول قىلىشنى ، باشقىلارنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا ياشىماسلىقتەك روھىي خائىشىنى ، ئارزۇسىنى ئەتراپتىكىلەرگە بىلدۈرمەكچى بولغان . ئامېرىكا بوستون شەھىرىدىكى مەكىرىن دوختۇرخانىسىنڭ ئەرلەر بۆلۈمى مەركىزىدىكى روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخخەسىسى ۋىللىيام مۇنداق دىگەن : ئاچچىقلىنىش —-ئەرلەرنىڭ يىغلاش ئۇسۇلى .

مەسىلەن بىر ئادەتتىكى ئىشچى ، ئۇناھايىتى تىرىشىپ ئىشلەيدىكەن ، خىزمەتنى دائىم نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملايدىكەن . لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھېس قىلىشىچە ئۇ خىزمەتتە ناھايىتى ئالدىراقسانلىق ھەم چېچىلاڭغۇ ئىكەن . خىزمەتداشلىرىنىڭ ئۆزئارا كوت -كوت قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىدىكى ئىشلىرىنى پاراڭلىشىشىدىن ناھايىتى بىزار ئىكەن . ھەر كۈنى كەچتە ، غەرق مەس بولۇپ قايتىپ كېلىدىكەن . ئۇ قىزلارنىڭ ھەم دوستلىرىنىڭ ئالدىدا غەلىتە ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىقرار ئىكەن . ئۇنىڭ يەنە ئاشقازان ھەم تېرە تاشما كېسىلى بار ئىكەن . ئۇ مۇنداق ئويلايدىكەن : ئەگەر ئەرلەر كۆڭلى يېرىم ئىكەنلىكىنى بەكلا ئىپادىلەپ كەتسە ، ناھايىتى ئوسال بولىدۇ ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭلى ھەددىدىن زىيادە يېرىم بولۇش غالجىرلاشقان بىلەن ئانچە پەرقى يوق . ھازىرقى جەمئىيەتتە ، كۆز يېشى بىلەن ھورۇنلۇق ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پەرزى ، ئەرلەرنىڭ نەزىردە خامۇشلۇق نازۇكلۇققا ، يارامسىزلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ . بۇندا ق بولسا ئەركەكلىك سۈپىتى بولمايدۇ . ئۆزىنى يوقىتىپ قويغانلىق بولىدۇ …ۋەھاكازالار…

شۇڭلاشقا بەزى روھىي كېسەللىكلەر ئالىمى خامۇشلۇقنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى قايتىدىن بەلگىلەشنى تەۋسىيە قىلماقتا . ئەرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسەللىك ئالامەتلىرى: زىيادە كۆرەڭلەش ھەم چوڭ سۆزلەش ، يالغۇز قالغاندا كۆڭلى يېرىم بولۇپ يىغلاش ، يۇقىرى سۈرئەتتە ماشىنا ھەيدەش ، بىھۇدە خەتەرگە تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمگە يۈزلەنگەندە تىرناقتەك ئىشلارغا ئاچچىقلىنىش ، …قاتارلىقلارنى قوشۇشنى ئويلاشماقتا . بەزى ئۇتۇق قازانغان ئەرلەر ، مەسىلەن:سىياسىيونلار ، تەنتەربىيە چولپانلىرى ، كارخانا خوجايىنلىرى …ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق ئالامەتلەر بارلىقىنى ئىقرار قىلغان .

ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئەرلەر ئاۋۋال كۆڭۈل قويۇپ سەرچانلىق بىلەن ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك .سۆيگىنى ھەم يېقىن دوستلىرىنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاپبېقىشلازىم . چۈنكى ئۇلار بىماردىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئەڭ بۇرۇن بايقايدىغان كىشىلەردۇر. ئەگەر بۇ ماقالىنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر ئەتراپىدا مۇشۇنداق ئەرلەر بولسا ، ئۇلارغا ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . خامۇشلۇق ھەرقانداق ئادەمدە بولىدىغان كېسەللىك . ئېغىرلاپ كەتسە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈش كېرەك .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-07-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 02:09:27

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ