ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز قانداق يۇقىدۇ؟ قانداق يۇقمايدۇ؟

ئەيدىز قانداق يۇقىدۇ؟ قانداق يۇقمايدۇ؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئەيدىز بەدەنگە قانچىلىك كىرگەندە ئاندىن كېسەل پەيدا قىلىدۇ؟

ئەيدىز كېسىلى ئىلگىرى پەقەت جىنسىي يولدىنلا يۇقىدۇ دەپ بىلىنگەچكە، مەينەت كېسەللىك دەپ نامغا قالغان ئىدى. كېيىن تىببىي تەتقىقاتلارنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ كېسەللىكنىڭ ئادەم بەدىنىگە ئەيدىز ۋىرۇسى بار سۇيۇقلۇقتىن ئەڭ ئاز 20 مىللىلېتىر كىرگەندە ئاندىن شۇ كىشى ئەيدىز ۋىرۇسىغا يۇقۇملېنىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.
???? 20 مىللىلېتىر دىگەن قانداق بىر ئۇقۇم دىسىڭىز، نورمال بىر تۈكۈرۈش 2-3 مىللىلېتىر. ئۇنداقدا بىر ئەيدىز بىمارىنى سىزگە قاراپ 8-10 قىتىم تۈكۈرگەندە ، ۋە شۇ تۈكۈرۈكنىڭ ھەممىسى بەدىنىڭىزگە كىرگەندە ئاندىن سىز ئەيدىز بولىسىز دىگەن گەپ.

ئەيدىز يۇقۇش يوللىرى:

  1. ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى (كوندوم) ئىشلەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەيدىز بىمارى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇش
  2. ھامىلە ئانىدىن تۆرەلمە بوۋاققا يۇقۇش
  3. سۈت ئەمدۈرۈش
  4. ئەيدىز بىمارىنىڭ قېنىنى سېلىش
  5. غەيرى جىنسىي مۇناسىۋەت، كۆپ جىسىي ھەمرىيى بولۇش
  6. زەھەرلىك چىكىملىك، ئوخشاش ئوكۇل ئىشلىتىش
  7. ئۇزۇن مۇددەت مۇھىتى ناچار، ئادەم كۆپ بىر مۇھىتتا ياشاش
  8. تازىلانمىغان داۋالىنىش، ئوپىراتسىيە، ئوكۇل، ھاجامات ئەسۋابلىرىنى ئىشلىتىش
  9. مەنبەسى ئېنىق بولمىغان، ئىشەنچلىك بولمىغان سۇيۇقلۇق ئۇرۇش(داۋالىنىش ياكى باشقا مەقسەتتە)

تۆۋەندىكى يوللاردىن ئەيدىز يۇقمايدۇ:

1. ئەيدىز بىمارى بىلەن پاراڭلىشىش
2. قول تۇتۇشۇپ كۆرۈشۈش
3. يۈز يېقىشىپ كۆرۈشۈش
4. قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش
5. ئەيدىز بىمارىنىڭ ئۆيىدە مىھمان بولۇش، قونۇش
6. بىر ئۈستەلدە تاماق يىيىش
7. ئوخشاش ئۆي بويۇملىرىنى ئىشلىتىش
8. ئوخشاش تەخسىدىن پىشۇرۇلغان كۆكتات ئېلىپ يىيىش
9. ئوخشاش چىش پاراشوكى ئىشلىتىش
10. ئەيدىز كېسىلى بار يولدىشى ياكى ئايالى بىلەن جىنسىي تۇرمۇشتا ھامىلىدىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى توغرا شەكىلدە ئىشلىتىش
11. ئوخشاش كومپىيوتېر تاختىسى ئىشلىتىش
12. يۆتەل، چۈشكۈرۈش

بىز نىمە قىلىشىمىز كېرەك؟

 
يۇقارىدا ئەيدىز يۇقۇش ۋە يۇقماسلىق يوللىرىنى يىغىنچاقلاپ قويدۇم. بەزى چۈشۈپ قالغان مەزمونلارم بولۇشى مۇمكىن.
ئەگەر ئەتراپىمىزدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار بولسا، كەمسىتمەسلىكىڭلارنى، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشىڭلارنى، سۆز چۆچەك تارقاتماسلىقىڭلارنى، مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
 
ئەيدىزمۇ باشقا كېسەللىككە ئوخشاش، داۋالىنىش، نورمال ياشاش ھوقوقىغا ئىگە. ئەيدىز بولدى دىگەنلىك چوقۇملا مەينەت جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپتۇ دىگەنلىك ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا بىرمۇنچە سەۋەبلىرى بار.
 
ئەيدىز بىمارىمۇ ناھايىتى چوڭ روھىي بېسىم ۋە جىسمانىي بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلاردۇر. بۇنى نورمال كىشى (سىز ياكى مەن) تەسەۋۋۇر قىلالىشى ناھايىتى تەس. بەلكىم بۇ كىشى بايا بىز دەپ ئۆتكەن سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدىكى باشقا سەۋەبلەردىن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن. ????
شۇڭا مۇشۇ كىشىلەرگە ياردەم لازىم بولغاندا، كەمسىتىش، مەسخىرە قىلىش ۋەياكى يېقىنلاشماسلىق ئەمەس بەلكى ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.❤️
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-22

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-22 / 09:23:54

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ