دوختۇرلار تورى

تەن ساقلىق زور بايلىق

ئانىلار قىز بوۋاقنىڭ جىنسىي ئەزا تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك

بىر قىسىم ئاتا– ئانىلار قىز بوۋاقنىڭ جىنسىي ئەزا تازىلىقىغا دېگەندەك كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكتىن زاكىسىنى ۋاقتى– ۋاقتىدا ئالماشتۇرمايدۇ؛ چوڭ–كىچىك تەرەتتىن كېيىن جىنسىي ئەزاسىنى يۇيمايدۇ؛ خېلى چوڭ بولغىچە ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيدۈرىدۇ

قىز بوۋاقنىڭ سۈيدۈك يولى قىسقا ھەم ئاسان كېڭىيىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسي يولى نېپىز بولغانلىقتىن ئۆزلىكىدىن تازىلىنىش ئىقتىدارى تۆۋەن ھەم كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز بولىدۇ.

ئەگەر قىز بوۋاقنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزا تازىلىقىغا دىققەت قىلمىغاندا سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىش ھەتتا سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم داس ۋە لۆڭگە(دېزىنفېكسىيىلەنگەن) تەييارلاپ، چوڭ–كىچىك تەرىتىدىن كېيىن ئىلىمان سۇ بىلەن يۇيۇپ بېرىش كېرەك.يۇيغاندا بالىنى تەرەت قىلدۇرغان ھالەتتە كۆتۈرۈپ جىنسىي لەۋنى ئاستا ئېچىپ، ئۈستىدىن ئاستىغا قارىتىپ سۇنى ئېقىتىپ تۇرۇپ بىر نەچچە قېتىم يۇيۇپ، ئاندىن لۆڭگە بىلەن ئالدىدىن كەينىگە قارىتىپ سۈرتىدىغان ئادەتنى چوقۇم يېتىلدۈرۈش كېرەك. قىز بوۋاق ئايىقى چىقىپ ماڭالايدىغان بولغاندىن باشلاپ ئېغى ئوچوق ئىشتان كىيگۈزمەسلىك، قالايمىقان يەردە ئۆمىلەتمەسلىك، كۆرگەنلا يەردە ئولتۇرغۇزماسلىق كېرەك .

مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-20

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2021-01-01 / 05:52:26

سەمىمىي ئەسكەرتىش
بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

نۇر دوختۇر Doctor Nur
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,661FansLike
697FollowersFollow
1,870SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر