ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلارئانا ۋە بالائانىلار خاراكتېرىنىڭ ئەۋلادلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

ئانىلار خاراكتېرىنىڭ ئەۋلادلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئانىلارنىڭ خاراكتېرى بالىلار خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىگە بىۋاسىتە ۋە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ بىزدە مۇنداق بىر ئەنئەنە بار: بوۋاق تۇغۇلۇپ ئۈچىنچى كۈنى بالىنى ئانا سۈتىدىن باشقا تاتلىق يېمەكلىك بىلەن ئېغىزلاندۇرۇلىدۇ ئ

اتا – ئانىلار بوۋاقنى ئېغىزلاندۇرغاندا ئۇنىڭ ياخشى خۇلق – مىجەز ۋە ئېسىل خاراكتېرلىك چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان ۋە ئارزۇ قىلىدىغان ياخشى مىجەز – خاراكتېرلىك ئاياللارنى تاللاپ بوۋاقنى ‹‹ئېغىزلاندۇرۇش ئانىسى›› قىلىدۇ. گەرچە بالىلار خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىدە ‹‹ئېغىزلاندۇرۇش ئانا››نىڭ مىجەز – خاراكتېرىنىڭ مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، ئەمما، بۇنداق ‹‹ئېغىزلاندۇرۇش›› ئەنئەنىسىگە ئاتا – ئانىلارنىڭ يۈرەك پارىسىنىڭ ياخشى مىجەز – خاراكتېرلىك چوڭ بولۇش ئارزۇلىرى سىڭدۈرۈلگەن. بەزىدە مىجەز – خاراكتېرى ناچار ئادەملەرگە باھا بەرگەندە كىشىلەرنىڭ: ‹‹ئۇنى كىم ئېغىزلاندۇرغان بولغىيتى››دەپ ئەپسۇسلىنىشى ئاشۇ قاراشتىن بولغان. ئەمەلىيەتتە بالىلار خاراكتېرىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئانىلارنىڭ مىجەز – خاراكتېرى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

پەرزەنت ئۈچۈن ئائىلە ئەڭ دەسلەپكى ‹‹كىچىك جەمئىيەت››، شۇنداقلا تۇنجى تەربىيە بۆشۈكى. ئانا پەرزەنتنىڭ بىرىنچى ئۇستازى. پەرزەنت بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ كۆرىدىغىنى ئانا. تۇنجى ئاۋازىنى ئاڭلايدىغىنىمۇ ئانا. تۇنجى بولۇپ ھىدىنى پۇرايدىغىنىمۇ ئانا. ئانىنىڭ بالا بىلەن بىللە بولىدىغان مەزگىلى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. بالىلار تۇغۇلغاندىن تارتىپ مەكتەپ يېشىغا يەتكىچە ئانىنىڭ تەربىيەسىدە بولىدۇ. بۇ چاغ پەرزەنتلەرنىڭ خاراكتېر يېتىلدۈرىدىغان مۇھىم مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدىكى ئانىلارنىڭ ياخشى – يامان خاراكتېرى پەرزەنتلەرنىڭ خاراكتېرىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي ئامىللارنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ. مىجەز – خاراكتېرىدە ئىجابىي ئامىللار يۇقىرى بولغان ئانىلارنىڭ تەربىيەسىدە بولغان بالىلاردا ياخشى خاراكتېر يىلتىز تارتىپ، سەمىمىي – راستچىل، ئوچۇق – يورۇق، چىقىشقاق، ئاق كۆڭۈل، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى ئۈستۈن، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشايدىغان، مۇستەقىللىقى كۈچلۈك خاراكتېر يېتىلىدۇ. ئانىلار ئۆزىدىكى ناچار خاراكتېرنىڭ تەسىرى بىلەن بالىلارغا ئىللىق ۋە ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتمىسا، ئۇلارنى چۈشىنىشكە ماھىر بولمىسا، ئۆزئارا سىردىشىشنى، سورىغان سوئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىشنى بىلمىسە ياكى بەزىدە مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، بەزىدە قاتتىق قوللۇق قىلىپ ئۇرۇش، تىللاشنى تەربىيە ئۇسۇلى قىلىۋالسا، ئېنىقكى، بالىلاردا ناچار خاراكتېر شەكىللىنىپ، جېدەلخور، چىدامسىز، بوشاڭ، ھۇرۇن، يالغانچى، ئۆكتەم، شەخسىيەتچى، ئاچ كۆز، مۇستەقىللىق قارىشى ئاجىز، ئىرادىسىز، مەنمەنچى، تەييارتاپ بولۇپ چوڭ بولىدۇ.

ئەۋلادلاردا ساغلام خاراكتېر يېتىلدۈرۈش تەشەببۇسى يېڭى ئۇقۇم ياكى يېڭى كۆزقاراش ئەمەس. ئەجدادلار ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىلا بالىلاردا ياخشى مىجەز – خۇلق يېتىلدۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەنگەن. ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر، پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹گۈزەل خۇلق ئىنسان ئەيىبىنى ياپقۇچ››دەپ ئەۋلادلاردا خاراكتېر يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇتقان. ‹‹قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىپتۇ››، ‹‹ئۆگەنگەن خۇي ئۆلگىچە›› دېگەن ماقال – تەمسىللەردىن ئادەمنىڭ خاراكتېرى ئۇنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يەنە دىموكرىت: ‹‹ياخشى خاراكتېرلىك كىشىنىڭ ھاياتىمۇ ياخشى بولىدۇ››، ئوشىنىسكىي: ‹‹تەربىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم مەقسىتى خاراكتېر يېتىلدۈرۈشتۇر››دەپ كۆرسىتىپ، بالىلاردا خاراكتېر يېتىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇتقان.

بالىلاردىكى ساغلام خاراكتېر ئۆزلۈكىدىن شەكىللەنمەيدۇ. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يېتىلىشىگە مۇنبەت تۇپراق، ياخشى پەرۋىش بولۇشى كېرەك. بۇ جەھەتتە يەنىلا ئانىلار مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلاردا بالىلارغا ئۈلگە بولىدىغان، بالىلارغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ساغلام خاراكتېر، ياخشى مىجەز – خۇلق يېتىلىشى لازىم. دېمەك، ئانىلارنىڭ ساغلام خاراكتېرى بالىلار خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈشتە تولىمۇ مۇھىم. ئانىلار ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان، قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بالىلار تەربىيەسىدە ساغلام خاراكتېر يېتىلدۈرۈش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاۋۋال ئۆزىدە گۈزەل خۇلق، ئېسىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈپ، ئاندىن بالىلارغا ئۈلگە بولۇپ يېتەكلىگەندە ۋە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەندە بالىلاردا ساغلام خاراكتېر يېتىلدۈرگىلى، تەربىيەدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-01 / 05:33:32

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ