ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلارئانا ۋە بالائانىنىڭ باغرىغا بېسىشى بوۋاقنىڭ ئاغرىقىنى توختىتىدۇ

ئانىنىڭ باغرىغا بېسىشى بوۋاقنىڭ ئاغرىقىنى توختىتىدۇ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بوۋاقلارغا ئوكۇل سالغاندا ياكى ئۇلاردىن قان ئالغاندا ، بالىلارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن دوختۇر ياكى ئاتا–ئانىلار دائىم بالىلارغا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى بېرىپ ، ئۇلارنىڭ ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلىتىشىگە ياردەم بېرىدۇ . ئەمما يېقىندا ئەنگىلىيەدە نەشىردىن چىققان ‹‹ ئوپېراتسىيە پىچىقى›› ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا ، بۇنداق قىلىشنىڭ كۆپ پايدىسى يوق بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە ، ئانا بالىنى باغرىغا باسسا ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن .

لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنىستۇتىنىڭ دوكتورى رېبىسكا سىلاتر: ئاغرىق يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ نېرۋىسىنىڭ يېتىلىشىگە قىسقا ياكى ئۇزۇن مۇددەت تەسىر كۆرسىتىدۇ . يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاغرىقىنى ئۈنۈملۈك ھەم تېز پەسەيتىش ئىنتايىن مۇھىم مەسلە ، دېدى .

تەتقىقاتچىلار يېڭى تۇغۇلغان 59 بوۋاق ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ باردى . بۇ 59 بوۋاقنىڭ يېرىمىغا قان ئېلىشتىن ئىلگىرى شېكەر ياكى ناۋات سۈيى ئىچۈرۈلگەن . نەتىجىدە شېكەر ياكى ناۋات سۈيى ئىچۈرۈلگەن بوۋاقلار گەرچە ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۆرۈنسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئاغرىق ئىنكاسى يەنىلا كۈچلۈك بولغان ؛ شېكەر ياكى ناۋات سۈيى ئىچۈرۈلمەي ، ئانا باغرىغا بېسىلغان بوۋاقلار بەك ئۇزاق ئاغرىق ھېس قىلمىغان ياكى ئازابلانمىغان . بۇ ئۇسۇلنى يېشى چوڭراق بالىلارغا قوللانغاندا ، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخغى بولىدىكەن .

تەتقىقاتچىلار : بۇ نەتىجە شېكەر ياكى ناۋات سۈيى ئىچۈرگەندە بالىلارنىڭ دىققىتىنى بۇرىغىلى بولىدىغانلىقنى ؛ ئەمما ئانا باغرىغا باسقاندا بالىلاردىكى ئاغرىقنى ھەقىقىي پەسەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .

‹‹ پايدىلىنىش خەۋىرى›› دىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-14

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-12-05 / 07:12:03

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ