ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلارئاق كېسەل بەرەس نى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش

ئاق كېسەل بەرەس نى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1) بىر دانە كىلەنى قۇرۇتۇپ تالقانلاپ ، ماندا ئۇرۇقىدىن يەتتە سەر ، نەشىدىن ئالتە يېرىم مىسقال ئېلىپ تالقانلاپ ، بۇلارنى 10 سەر قوغۇن بۇيىسىنىڭ يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ ، كۈندە بىر قېتىم تېرىنىڭ ئاق كېسەل بار جايىغا سىرتىدىن چېپىشنى داۋام قىلسا ، ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .

2) ئىككى ھەسسە قارا ئۈجمىنىڭ سىقىلغان سۈيى ، بىر ھەسسە ئاقتىكەن مېۋىسىنى قازانغا قۇيۇپ ، مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات سېلىپ ، يەڭگىل ئوتتا قاينىتىپ سۈزۈپ ، شېشىگە ئېلىپ ، كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا بىر يېرىم قوشۇقتىن ئىككى قوشۇققىچە ئىچىشنى داۋام قىلسا ، بەدەندىكى ئاق چۈشكەن جايلارغا قىزىل چېكىت پەيدا بولۇپ ، بۇ كېسەللىكنىڭ ياخشىلىنىشىدا ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ .

3) كىلەنى ئۆلتۈرۈپ قېنىنى ۋە ئۆتىنى ئاق بار جايغا سىرتتىن چېپىشنى داۋام قىلسا ، ئاق چۈشكەن جاينى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .

4) ئەنجۈرنىڭ سۈتكە ئوخشاش سۈيىنى سىرتىدىن چېپىشنى داۋام قىلسا ، تېرىنىڭ ئاق چۈشكەن جايىغا قان پەيدا قىلىپ ، ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .

5) قارا غازنىڭ بالىسىنى ئۆلتۈرۈپ ، قېنىنى تېرىنىڭ ئاق چۈشكەن جايىغا چېپىشنى داۋام قىلسا ، تېرىنىڭ رەڭگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئۈنۈم بېرىدۇ .

6) يىلاننىڭ قېنىنى تېرىنىڭ ئاق چۈشكەن جايىغا سۈركەشنى داۋام قىلسا ، ئۇنى ئۆزگەرتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئۈنۈم بېرىدۇ .

7) ئارپىبەدىياننىڭ ھۆل ئۆسۈملۈكىنى سوقۇپ سۈيىنى چىقىرىپ ، تىرىپىنى ئاق چۈشكەن جايغا سىرتتىن چېپىشنى داۋام قىلسا ، مەنپەئەت قىلىدۇ .

8) نۆشىدىلدىن ئۈچ يېرىم سەرنى سوقۇپ تالقان قىلىپ ، 11 سەر ھەسەلنى ئېرتىپ كۆپۈكىنى ئېلىپ سوۋۇتۇپ . نۆشىدىلنى ھەسەلگە سېلىپ ئوبدان ئارىلاشتۇرۇپ ، تېرىنىڭ ئاق كېسەل چۈشكەن جايىغا كۈندە بىر قېتىم چېپىپ ئاپتاپقا قاقلىنىشنى داۋام قىلسا ، ئاق چۈشكەن جايدا سۇ يىغىلىپ قاپارتقۇ پەيدا بولۇپ ، سۈيى چىقىپ جاراھەتلىنىش ئارقىلىق چىگىتتەك قىزىل داغلار پەيدا بولۇپ ، تېرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ .

9) ئالتە يېرىم مىسقال قارا زىرە ، بەش مىسقال سىيادان ، بەش مىسقال قەلەمپۇر ، تۆت مىسقال قارا ھېلىلە ، ئۈچ يېرىم مىسقال ئوسما ئۇرۇقى ، ئۈچ مىسقال قىزىلگۈل ( قۇرۇتقىنى ) ، بىر سەر يەتتە يېرىم مىسقال قارا شېكەرنى سوقۇپ تالقانلاپ كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا تۆت بارماقتا بىر چىمدىمدىن تاماقتىن كېيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، تېرىگە رەڭ پەيدا قىلىشتا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .

10) زىرە ئالتە مىسقال ، قارىمۇچ ئۈچ يېرىم مىسقال ، قەلەمپۇر بىر يېرىم مىسقال ، قارا ھېلىلە تۆت مىسقال ، سىيادان ، ئوسما ئۇرۇقلىرى بەش مىسقالدىن ، لاچىندانە ئالتە يېرىم مىسقال تەييارلىنىدۇ . ئۇلارنى سوقۇپ تالقانلاپ ، يىرىك قىسمىنى چاي ئورنىدا ھەر قېتىمدا بەش بارماقتا بىر چىمدىمدىن دەملەپ ئىچىپ ، مەزكۇر دورىنىڭ چېيىغا لۆڭگىنى سېلىپ نەمدەپ تېرىنىڭ ئاق چۈشكەن جايىغا سىرتتىن سۈركەپ ، بۇ دورىنىڭ يۇمشاق قىسمىنى تاماققا ھەر قېتىمدا ئىككى – ئۈچ بارماقتا بىر چىمدىمدىن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ، بۇ خىل كېسەللىكنى ياخشىلاشتا مەلۇم ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .

11) قۇلىيلىندىن ئىككىنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈپ قېنىنى ئېلىپ ، يېغىنى ئېرىتىپ ، قېنى بىلەن يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ ، ئاق چۈشكەن جاينى كۈندە بىر قېتىم لۆڭگە ياكى خام بىلەن قىزارغۇچە سۈرتۈپ ، ئاندىن تەييارلىغان دورىنى چېپىشنى داۋام قىلسا ، ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ .

12) كىلەنى تۇتۇپ ، بېشىنى شېشىگە تىقىپ قۇيرۇقىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ھالدا ئاپتاپقا ئېسىپ قويسا ، كىلەنىڭ يېغى ئېرىپ شېشىگە يىغىلىدۇ . ئاق چۈشكەن جاينى لۆڭگە بىلەن قىزارغۇچە سۈرتۈپ ، مەزكۇر ياغدا ھەر كۈنى بىر قېتىم ياغلاشنى داۋام قىلسا ، ئاق كېسەلنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بېرىدۇ .

13) ھۆل ئەمەننى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، ئۇنى ئاق داغ ئۈستىگە سۈركەپ كۈن نۇرىغا قاقلىنىشنى داۋام قىلسا ، قاپارتقۇلۇق جاراھەت پەيدا بولۇپ قىزىرىپ ، تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ .

14) ھەشقىپىچەك ئۇرۇقىنى سىركىگە چىلاپ ئۈچ كېچە – كۈندۈز تۇرغۇزۇپ سۈزۈپ ، ئاق داكىنى سىركىگە چىلاپ ھۆل قىلىپ چاپسا ، قاپارتقۇلۇق جاراھەت بولغان تېرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .

15) گۈڭگۈرت تالقىنىدىن بىر ھەسسە ، ياڭاق مېغىزى ، قوي يېغىدىن ئىككى ھەسسىدىن ئېلىپ ، بۇلاردىن سوقىدىغان دورىلارنى سوقۇپ ياغقا ئارىلاشتۇرۇپ ، داغ چۈشكەن ئورۇننى سىرتتىن ياغلاشنى داۋام قىلسا ، ئاق داغنى ئۆزگەرتىپ ، تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئۈنۈم بېرىدۇ .

16) قارا پارپىنى تۈكۈرۈك بىلەن تاشقا سۈرۈپ ، ھەر كۈنى ئاق داغ ئۈستىگە چاپسا ، ئاق داغنى يوقىتىشتا ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:06:25

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ