ئاشقازان ئاستى بېزى: ئىنگىلىزچە: Pancrease تۈركچە Pankreas خەنزۇچە: 胰腺دەپ ئاتايدۇ.
كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ ئورگانغا ئانچە ياخشى چۈشەنچىسى بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئاشقازان ئاستى بېزى بەدىنىمىزنىڭ باشقا ئورگانلىرىغا ئوخشاش بەكلا مۇھىم بىر ئورگان.
ئىسمىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، بۇ بەز ئاشقازاننىڭ ئاستىغا جايلاشقان بولۇپ، قانال بىلەن 12 بارماق ئۈچىيىمىزگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئۆزى ئىشلەپ چىقارغان ھەرخىل ماددا، ھورمونلارنى قانال بىلەن ياكى 12 بارماق ئۈچەيگە قويۇپ بېرىدۇ، ياكى ئۇدۇل قانغا قويۇپ بېرىدۇ.
ئاشقازان ئاستى بېزى ئىسمىگە ئوخشاش، ئاشقازاننىڭ ئاستىغىراق جايغا جايلاشقان. تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. باش قىسمى، بويۇن قىسمى، بەدەن قىسمى، قۇيرۇق قىسمى. ئاشقازان ئاستى بېزى ئىچىدە نەيچە شەكىلدە تۈزۈلمە بار.
ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىچكى ئاجراتما ۋە تاشقى ئاجراتما دەپ ئىككى خىل رولى بار.
تاشقى ئاجراتما: بۇ خىل ئاجراتمىدا ئاشقازان ئاستى بېزى سۇيۇقلۇقى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇ سۇيۇقلۇق ئاشقازان ئاستى بېزى ئىچىدىكى نەيچە يولى ئارقىلىق 12 بارماق ئۈچەيگە، ئاندىن ئاشقازانغا بارىدۇ. يىمەكلىكلەرنى ئېرىتىشكە ياردەم قىلىدۇ.
ئىچكى ئاجراتما: ئاشقازان ئاستى بېزىدە ئارال ھۈجەيرىلەر بار. بۇ ئارال ھۈجەيرىلەر بەدىنىمىزگە مۇھىم بولغان ئىنسۇلىننى ئىشلەپ چىقىرىپ قانغا قويۇپ بېرىلىدۇ، ئىنسۇلىن ئارقىلىق قاندىكى شىكەر مىقتارىنى تۆۋەنلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، بەزى ھۈجەيرىلەر گلۇكاگون Glucagon دىگەن ماددىنى ئىشلەپ چىقىرىپ قانغا قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق قاندىكى شىكەر ماددىسىنى يۇقىرلىتىدۇ… دىمەك ئىچكى ئاجراتما بەزلىرى ئىشلەپ چىقارغان ماددىلار ئارقىلىق، قاندىكى شىكەر دەرىجىسىنى تەڭشەيدۇ دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. دىئابىت كېسىلىمۇ دەل شۇ كىشىلەرنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى ياخشى ئىشلىمىگەنلىك ياكى پۈتۈنلەي ئىشلىمىگەن سەۋەبىدىن بولىدۇ.
يۇقارقى روللىرى سەۋەبىدىن، ئاشقازان ئاستى بېزى ھەم ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ، ھەم بەدىنىمىزنىڭ ئاجراتما سىستېمىسىنىڭ پائالىيىتىگە قوشۇلىدۇ.
ئاشقازان ئاستى بېزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل بىلىملەر، مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر، قوغداش توغرىلىق ھەرخىل پايدىلىق مەزمونلارنى بېكىتىمىزدىن تاپالايسىز.