ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىئاشقازان - ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى مۇھىم يەر

ئاشقازان – ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى مۇھىم يەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئاشقازان: ئىنگىلىزچە: Stomach تۈركچە Mide خەنزۇچە: 胃 دەپ ئاتايدۇ.

ئاشقازاننىڭ شەكلى يىمەك ئىچمەككە تولغان ۋاقتى بىلەن تولمىغان ۋاقتىدىكى شەكلى ئوخشىمايدۇ. ئىچى بوش ۋاقىتتا سەل شىلەڭكىگە ئوخشاپراق قالىدۇ. تولغان چاغدا پومپىيىپ ئىككى بېشى چىگىلگەن ھاۋاغا تولغان شارغا يېقىن ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ.

نورمالدا ئاشقازاننى 4 قىسىمغا بۆلىمىز. ئاشقازان كىرىش ئېغىزى قىسمى، ئاشقازان تۈۋى، ئاشقازان ئاساسىي قىسمى، ئاشقازان چىقىش ئىغىزى.

  1. ئاشقازان كىرىش ئېغىزى قىسمى cardiac part, 贲门 : بۇ يەردىكى مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشى ئارقىلىق ئاشقازانغا كىرگەن تاماقلار ئارقىغا يېنىپ كەتمەيدۇ.
  2. ئاشقازان تۈۋى fundus of stomach, 胃底部 :
  3. ئاشقازان ئاساسىي قىسمى body of stomach, 胃体部 :
  4. ئاشقازان چىقىش ئېغىزى pyloric part, 幽门部 : ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان راكىنىڭ كۆپ بولىدىغان قىسىم.

بىز تاماقلارنى ئاساسەن مۇشۇ يەردە ئېرىتىمىز. ئەمما تاماقلارنىڭ پايدىلىق قىسملىرىنى سۈمۈرۈپ بولالمايدۇ. يىمكەلىكلەرنى ئېرىتىش ئۈچۈن ئاشقازان بەزى كىسلاتالارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئاشقازان ئاستى بېزى، جىگەر، ئۆت قاتارلىق ئورگانلاردا ئىشلەپ چىقىرىلغان سۇيۇقلۇقلار ئاشقازانغا كېلىپ، يىمەكلىكلەرنى ئېرىتىشقا ياردەم قىلىدۇ. ئادەتتە يىمەكلەر، ئىچىملىكلەر ئاشقازاندا 4-6 سائەتقىچە قېلىپ، بۇ ئىشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە ئاندىن ئاستا ئاستا ئىنچىكە ئۈچەيگە قاراپ ماڭىدۇ.

ئاشقازان كېسەللىكلىرى ياشلاردا، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنى تەركىپ تاپىدۇ. ئاشقازان ياللۇغى بىزگە ئەڭ تونۇش كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن سىرت ئاشقازان تىشىلىپ كېتىش، ئاشقازان قاناش، ئاشقازان يىگىلەپ كېتىش، ئاشقازان راكى… قاتارلىق كۆپلىگەن كېسەللىكلەرمۇ كۆرۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. چۈنكى ئاشقازىنىمىز سىرتقى دۇنيادىن ئۇدۇللا ھەرخىل پايدىلىق پايدىسىز نەرسىلەرنى ئۇدۇل قوبۇل قىلىدىغان يەر. شۇڭا ئاشقازاننى ئاسراش بىز ئۈچۈن بەكلا بەك مۇھىم.

ئاشقازانغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر، قوغداش توغرىلىق ھەرخىل پايدىلىق مەزمونلارنى بېكىتىمىزدىن تاپالايسىز.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-01-21

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-01-01 / 05:58:30

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ