ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرھەزىم سىستېمىسى كېسەللىكلىرىئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ يېنىش كېسىلى قانداق تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ؟

ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ يېنىش كېسىلى قانداق تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۇ كېسەللىكنى ئىنگىلىزچە gastroesophageal reflux دەپ ئاتايدۇ، قىسقارتىپ GERD دەپمۇ قويىدۇ.
تۈركچىمۇ ئوخشداشراق قىلىپ Gastroözofageal Reflü ياكى قىسقارتىپلا Reflü دەپ قويىدۇ.
خەنزۇچىدە: 胃食管反流症 دەپ ئاتايدۇ.

 

ئاشقازان قىزىلئۆڭگەچ يېنىش كېسىلى شۈبھىسى بولغاندا، ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە قانداق تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ؟

كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان يېنىش كېسىلىگە،بىماردا بولغان ئالامەتلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تەجرىبە ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ.

ئەمما، بىمارنىڭ يېشى 40تىن ئاشقان بولسا، ھەم كېسەللىك ئالامىتى 5 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ھەم بۇ 5-6 يىل جەريانىدا بىرەر قېتىم تەكشۈرۈش ياكى داۋالىنىش ئېلىپ بېرىلمىغان بولسا ئېغىزدىن شىلەنكە سېلىپ تەكشۈرۈش كېرەك. شىلەنكە سېلىش ئارقىلىق قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئۇ ئاخىرقى قىسمىدىن پارچە ئېلىپ كۆرۈپ بېقىش مۇمكىن. چۈنكى ئۇزۇن يىل يىمەكلەر كىسلاتالار يېنىۋەرسە، شۇ يەردىكى ھۈجەيرىلەردە ئۆزگىرىش بولدىمۇ دەپ كۆرۈپ بېقىش كېرەك.

ئېغىزدىن شىلەنكە سېلىپ تەكشۈرۈشنى ئىنگىلىزچە endoscopy دەپ قويىدۇ.
تۈركچىمۇ endoskopi دەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچە: 胃镜检查دەپ ئاتايدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئاز ئىشلىتىلىدىغان تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىدىن PH metre بار. بۇ تەكشۈرۈش 24 سائەت جەريانىدا قىزىلئۆڭگەچتىن كەلگەن سۇيۇقلۇقنىڭ كىسلاتالىق دەرىجىسىنى كۆرىدۇ. ھەم يەنە بىرى esophageal manometry özofageal manometri ئىسىملىك تەكشۈرۈشتە قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئىتتىرىش كۈچىنى تەكشۈرۈپ باقىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-05-04

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-05-04 / 06:03:26

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ