ئانا سەھىپەبىلىمتەۋسىيەلىرىمىزئاشقازان ۋە ئاشقازان ياللۇغى

ئاشقازان ۋە ئاشقازان ياللۇغى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ياخشىمۇسىلەر، مەن نۇرمەمەت.

بۈگۈن ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى ئاشقازان ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاشقازان ياللۇغى كېسەللىكىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز.

ئاشقازاننى : ئىنگىلىزچە: stomach

تۈركچىدە mide. خەنزۇچە: 胃دەپ ئاتايدۇ.

ئاشقازان ئاساسلىقى ئادەملەرنىڭ تاماقلارنى ئېرىتىدىغان پارچىلايدىغان بىر يەر، ئەمما ئوزۇقلۇق تاماقلارنى سۈمۈرۈپ بولالمايدۇ. نورمالدا تاماق، سۇلار ئېغىز بوشلۇقىمىزدا 5-10 سىكونىت تۇرغاندىن كىيىن ئاندىن قىزىلئۆڭگەچكە كىرىدۇ، قىزىلئۆڭگەچ يولىنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن 5-10 سىكونىت ئىچىدىلا ئاشقازانغا بېرىپ بولىدۇ. ئاشقازانغا كىرىش ئېغىزىدىكى كىلاپاندىن غەلىبىلىك ئۆتۈپ بولۇپ ئاشقازانغا كىرىدۇ. يىمەكلىكلەر ئاشقازاندا 4-6 سائەتكىچە ساقلىنىپ، قوچۇلىنىپ، ئېرىپ، سۈمۈرۈشكە قولاي بولغان ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن 12 ئۈچەيگە قاراپ ماڭىدۇ. بۇ جەرياندا تاماقلارنىڭ ياخشى ئېرىشى ئۈچۈن، ئاشقازان كىسلاتا ئىشلەپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت ئۆتتىن، ئاشقازان ئاستى بېزىدىن سۇيۇقلۇقلار كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاشقازاندىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئېرىشىگە ياردەم قىلىدۇ.

ئاشقازانغا سىرتقى دۇنيادىن بەزىدە مىكروپ، بەزىدە زىيانلىق ماددىلار، يەنە بەزىدە بەدەنگە زىيىنىمۇ يوق، پايدىسىمۇ يوق نەرسىلەر كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاشقازان ئېرىتىپ بېقىشقا تىرىشىپ باقىدۇ. ھەتتا بەزى كىشىلەر بولۇپمۇ كىچىك بالىلار توپا، قارىماي، غەيرى بويۇملارنى يەپ باقىدىغانلارمۇ بار. شۇڭا ئاشقازاندا كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتىمۇ بەكلا يۇقىرى. بۇنىڭ ئىچىدە بىزگە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى ئاشقازان ياللۇغىدۇر. بۇنى چوقۇم كۆپلىگەن كىشىلەر ئاڭلاپ باقتى.

ئاشقازان ياللۇغى، بەلكىم تۇرمۇشىڭىزدا ئەتراپتىكى كىشىلەردىن، بولۇپمۇ ياشلاردىن، ئاياللاردىن ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغان بىر كېسەللىك بولۇشى مۇمكىن. بىز ئۇيغۇرلار تولا دەيدىغان ئاشقازان كېسىلىمۇ كۆپىنچە مۇشۇ ئاشقازان ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە ئاشقازان كېسىلى ئىچىدە، ئاشقازان يارىسى دەپمۇ دەپمۇ كېسەللىك بار. كۆپىنچە كىشىلەر بۇ ئىككىسىنى بىر كېسەللىك دەپ ئويلايدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ بىراز پەرقى بار.

 

ئاشقازان ياللۇغىدىن سىرت 12 بارماق ئۈچەي ياللۇغى دەپمۇ كېسەللىك بار. 12 بارماق ئۈچەي ياللۇغىنىڭ كېسەل سەۋەبى، دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇللىرى، داۋالاش پىرىنسىپلىرىمۇ ئاشقازان ياللۇغىغا ئوخشىشپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ فىلىمدە ئاساسلىقى ئاشقازان ياللۇغىنى ئاساس قىلىپ داۋام قىلىمىز.

ئاشقازان ياللۇغىنى ئىنگىلىزچە gastritis دەپ ئاتايدۇ. تۈركچىمۇ ئوخشداشراق قىلىپ gastrit دەپ قويىدۇ. خەنزۇچە: 胃炎  دەپ ئاتايدۇ.

ئاشقازان يارىسىنى ئىنگىلىزچە gastric ulcer دەيدۇ. تۈركچىدىمۇ gatrik ülser دەيدۇ ۋە يا    mide ulseri دەپ قويىدۇ. خەنزۇچىدە 胃溃疡دەپ ئاتايدۇ.

12 بارماق ئۈچەي ياللۇغى نى ئىنگىلىزچە  duodenitis  دەيدۇ. تۈركچىدىمۇ gatrik ülser دەيدۇ ۋە يا    mide ulseri دەپ قويىدۇ. خەنزۇچىدە 胃溃疡دەپ ئاتايدۇ.

 

 

ئاشقازان ياللۇغى بىلەن ئاشقازان يارىسىنى پەرقى بارمۇ؟

ئاشقازان ياللۇغى، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازاننىڭ شىللىق پەردىسىدە سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، قان تولۇپ قېلىش، بەزىدە كىچىك قان چىقىش، ۋەياكى چىرىش ئەھۋاللىرىنى كۆرسىتىدۇ. ياللۇغ كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئاشقازاننىڭ يۈزەكى شىللىق پەردىسىدىلا بولىدۇ.

ئاشقازان يارىسى بولسا، ئاشقازان ياللۇغىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان يارىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يارىلار كۆپىنچە ئەھۋاللاردا 2.5 مىللىمىتىردىن كىچىكرەك بولىدۇ. ئەمما ئاشقازان ياللۇغىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭقۇر بولىدۇ. يەنى شىللىق پەردىسىدىن ئۆتۈپ ئاشقازاننىڭ مۇسكۇل پەردىسىگە بارىدۇ ۋە تىشىلىپ كېتىش ئىھتىماللىقىمۇ بولىدۇ.

بۈگۈنكى فىلىمدە ئاساسلىقى ئاشقازان ياللۇغىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز. ئاشقازان يارىسىنى يەنە بىر لىكسىيەدە سىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ.

 

ئاشقازان ياللۇغى سەۋەبى نىمە؟

ئاشقازان ياللۇغى بىز بايا دەپ ئۆتكەندەك، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاشقازاننىڭ شىللىق پەردىسىدىكى ھەرخىل ياللۇغ ئۆزگىرىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇنىڭ ئىچىدە دۇنيادا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىككى سەۋەپ بىرسى مىكروپ، بۇ مىكروپنىڭ ئىسمى خەلىكوباكتېر پىلورى. مۇشۇ سەۋەبلىك بەزى دوختۇرلار بىمارلارغا سېنىڭ ئاشقازىنىڭدا مىكروپ بار دەپلا چۈشەندۈرىدۇ. خەلىكوباكتېر پىلورى دىگەن بۇ مىكروپ دۇنيادا 50% كىشىلەردە باردىسەكمۇ بولىدۇ. ئاشقازانغا يېپىشىپ كىرىپ، ئۆز بەدىنىدىن سۇيۇلۇق ئىشلەپ چىقىرىپ، شۇ جايدىكى ئاشقازان شىللىق پەردىنى ئېرىتىپ ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ.

يەنە بىر ئاساسلىق سەۋەب ئۇزۇن مۇددەت NSAID دورىلارنى ئىشلەتكەن كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.

بۇ NSAID نىڭ كېڭەيتىلگەن يېزىلىشى: Nonsteroidal anti-inflammatory drugs

ئۇيغۇرچە مەنىسى: ھورمون تەركىبى يوق بولغان ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى. بۇنداق دىيىشتىكى سەۋەپ، تۆۋەن مىقتاردا بېرىلسە، قىززىتما قايتۇرۇش، قان نوكچىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاغرىق توختىتش رولى بار، يۇقىرى مىقتاردا بېرىلسە ياللۇغ قايتۇرۇش رولىغا ئىگە دورىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما بۇ ياللۇغ مىكروپقا قارىتىلمىغان. بۇ ئۇقۇم ئارىلىشىپ كەتمىسۇن.

دىمەك، بۇ دورىلار كۆپىنچە ئاغرىق توختىتىش ئۈچۈن بېرىلىدىغان دورىلاردۇر شۇڭلاشقا دۇنيادا بەكلا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. كۆپىنچە قىززىتما ياندۇرۇش، مۇسكۇل ئاغرىقلىرى، رىماتىزما ئاغرىقلىرى، ئوپىراتسىيەدىن كېيىنكى ئاغرىقلارنى توختىتىش بېرىلىدۇ. ئەمما دەل مۇشۇ دورىلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىۋەتسە، ئاشقازان ياللۇغى پەيدا بولۇپ قالىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئېغىزدىن كىرگەن زەھەرلىك ماددا ياكى چىرىتقۇ ماددىلار، ئاچچىق چۈچۈك تاماقلار، ھاراق، تاماكا، قېنىق چاي، قېنىق قەھۋە، ئېغىر مايلىق تاماق، ئۇزۇن مۇددەت دورا ئىشلىتىش، … قاتارلىق مۇشۇ ئېغىزدىن كىرگەن ھەر تۈرلۈك ماددىلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ۋە ياكى ئاشقازان قىسمى قانسىزلىنىش، بەدەندە ئېغىر كېسەللىك سەۋەبلىك ئۇزۇن مۇددەت كارىۋاتتا قېلىش، تاماق تەڭپۇڭسىزلىنىش، زىيادە سېمىزلىك، بەدەندىكى بەزى ئىممۇنىتىت كېسەللىكلەر، دائىم جىددىي كەيپىيات… قاتارلىق سەۋەبلەردىنمۇ ئاشقازان ياللۇغى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

 

ئاشقازان ياللۇغى تۈرلىرى

ئاشقازان ياللۇغى ھەرخىل تۈرگە بۆلۈنىدۇ. پەيدا بولۇش ۋاقتى ۋە ئاغرىق ئېغىرلىقىغا قاراپ جىددىي ئاشقازان ياللۇغى بىلەن سوزۇلما خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بايا دەپ ئۆتكەن سەۋەبلىرىگە ئاساسەنمۇ باكتېرىيەلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئىممۇنىتىت ئاشقازان ياللۇغى، سىزىمچانلىق ئاشقازان ياللۇغى، ماددا سەۋەبلىك ئاشقازان ياللۇغى… دەپ تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. بۇنداق جىق تۈرگە بۆلۈشنىڭ سەۋەبىمۇ بىز بۇرۇنقى ۋىدىئولىرىمىزدا دەپ ئۆتكەندەك، مېدىتسىنا قانچە تەرەققىي قىلغانسىرى كېسەللىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن شۇنچە تەپسىلىي تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ ھەم مۇشۇ تۈرلەرگە قارىتا تېخىمۇ نوقتىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

 

ئاشقازان ياللۇغى ئالامەتلىرى نىمە؟

ئاشقازان ياللۇغىنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆپىنچە ئادەملەرگە ناتونۇش بولماسلىقى مۇمكىن. قوساقنىڭ ئاشقازان قىسمى ئاغرىش، كۆپكەندەك بولۇۋېلىش، كېكىرىش، تاماق ئاسان سىڭمەسلىك، ئاچچىق سۇ يېنىش… قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇم بۇ ئالامەتلەر بىز ئالدىنقى ۋىدىئودا دەپ ئۆتكەن ئاشقازان قىزىلئڭگەچ يېنىش كېسىلىگە ئوخشىشىپ قالىدۇ، ئەمما بۇ كېسەللىكتە ئاشقازان قىسىمدىكى ئاغرىشنى بەكرەك ئاساس قىلىدۇ. بەزىدە ئاشقازان ياللۇغى بەزىدە جىددىي قوزغىلىپ قالغاندا ئېغىرراق بولغاندا بەدەن قىززىش، ئىچى ئېلىشىش، قۇسۇش، بەزىدە ئېغىزدىن قان كېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

 

ئاشقازان ياللۇغى كىملەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ؟

ئاشقازان ياللۇغى كۆپىنچە كۈندىلىك تاماق رىتىمى تەڭپۇڭسىز كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاياللار ياش قىزلار ئورۇقلاش ئۈچۈن تاماق رىتىمسىز بولىدۇ، ياكى ئاچچىق چۈچۈك نەرسىلەرگە ئامراق راق بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئېغىر دورا دەرمانلىق كىشىلەردە، سېمىز كىشىلەردە، زىيادە روھىي بىسىمدە ئىش بىسىمىدە ياشايدىغانلار، ئۇزۇن مۇددەت بىز بايا دەپ ئۆتكەن تۈردىكى دورىلارنى ئاغرىق توختىتىش مەقسىتىدە ئىشلىتىپ كەلگەن كىشىلەردە كۆپرەك بولىدۇ.

 

ئاشقازان ياللۇغى قايسى بۆلۈمگە كۆرۈنۈش كېرەك؟

ئاشقازاننى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن ھەزىم قىلىش بۆلۈمى ياكى بۇ بۆلۈم بولمىغان يەرلەردە ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويىدۇ.

ھەزىم قىلىش كىسەللىكلىرى بۆلۈمى نى ئىنگىلىزچە: gastroenterology department تۈركچىدىمۇ ئوخشاپراق قالىدىغان: gastroenteroloji bölümü دەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچە:消化科 دەيدۇ.

ئىچكى كېسەللىكلىرى بۆلۈمى نى ئىنگىلىزچە:  inetrnal medicine department تۈركچىدىمۇ ئوخشاپراق قالىدىغان: , dahiliye bölümü iç hastalıkları bölümüدەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچە:内科دەيدۇ.

 

ئاشقازان ياللۇغى قانداق تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدۇ؟

ھەزىم قىلىش يولىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىگە توغرا دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن، بىر قەدەر توغرا دىئاگنوز قويالايدىغىنى ئېغىزدىن شىلەنكە سېلىش ئۇسۇلى. ئەمما بۇنى شۇ زامان قىلغىلى بولىدىغان بىر خىل تەكشۈرۈش ئەمەس. شۇڭا ئاۋۋال دوختۇرلار تەجرىبىسىگە تايىنىپ، بىمالارنىڭ ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش باشلايدۇ.

لېكىن ھازىر دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئاشقازان ياللۇغىنى توغرا دىئاگنوز قويۇش ئۈچۈن، ئېغىزدىن شىلەنكە سېلىپ  تەكشۈرۈش لازىم.

ئېغىزدىن شىلەنكە سېلىپ تەكشۈرۈشنى ئىنگىلىزچە endoscopy دەپ قويىدۇ.

تۈركچىمۇ endoskopi دەپ ئاتايدۇ. خەنزۇچە: 胃镜检查دەپ ئاتايدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە باكتېرىيەنى باريوقلىقىنى بىلگىلى بولىدىغان ئۇرىيە نەپەسلىنىش تەكشۈرۈشى،  قان تەكشۈرۈش، ۋە بارىيۇملۇق سى تى نىڭمۇ تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇشقا پايدىسى بولىدۇ.

Urea breath test, ure nefes testi, 尿素呼气试验

 

ئاشقازان ياللۇغى قانداق داۋالىنىدۇ ھەم قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

ئاشقازان ياللۇغىنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش لازىم.

  1. ئاشقازان شىللىق پەردىسىگە زىيانلىق بولغان تاماقلاردىن، دورىلاردىن، ۋە ماددىلاردىن ئۇزاق تۇرۇش لازىم.
  2. ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئىستىمال قىلمىسا بولمايدىغان بىمارلار، چوقۇم ئاشقازان ياللۇغىنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا دورىلارنى تاللاش لازىم. Nsai دورىلاردىن يىراق تۇرۇش لازىم.
  3. ئاشقازان ياللۇغى قاتتىق تۇتۇپ كەتكەندە، يېرىم كۈن ياكى بىر كۈن ئېغىر ياكى قىززىق ، ياكى زىيادە سوغۇق تاماقلارنى يىمەسلىك لازىم. پەقەت سىڭىشلىق بولغان قورۇمىغان كۆكتات كۆپ سېلىنغان سۇيقاش ئاز ئازدىن ئىچىش، بىرازلا نان يىيىش لازىم.
  4. زىيادە بېسىمدىن ئۇزاق تۇرۇش لازىم.
  5. تاماق ۋاقىتلىرى رىتىملىق بولۇش لازىم. ھەر قىتىمدا زىيادە كۆپ تاماق يەۋالماسلىق لازىم. دورا دارمان ئېغىر بولغان ياكى ئاچچىق چۈچۈك تاماقلارنى ئامال بار ئاز ئىستىمال قىلىش كېرەك.
  6. ھاراق تاماكىدىن يىراق تۇرۇش لازىم. قەھۋە، كولا دىگەنلەرنى ئامال بار ئاز ئىچىش ياكى ئىچمەسلىك لازىم.

بۇ دىققەت قىلىدىغان ئىشلاردىن سىرت يەنە دورىلىق داۋالاشتا، بايا دەپ ئۆتكەن بۆلۈمنىڭ دوختۇرلىرى ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى قوغدايدىغان، ئاشقازان كىسلاتاسىنى ئازايتىدىغان قاتارلىق دورا بېرىدۇ. ئەگەر ئاشقازاندا خەلىكوباكتېر مىكروپ بولسا مىكروپ ئۆلتۈرىدىغان دورىلارنى قوشۇپ بېرىپ داۋالايدۇ. مىكروپ ئۆلتۈرىدىغان دورىنىڭ ئىستىمال قىلىش مۇددىتىنى دوختۇرىڭىز بەلگىلەيدۇ.

 

ئاخىرقى سۆز:

ئاشقازان ياللۇغى دۇنيادا ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر كېسەللىك. قارىماققا ئاددىيلا بىر كېسەللىكتەك تۇرغان بىلەن ئەمما تۇرمۇشقا خېلىلا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ھەم بىزگە كەلگەن بەزى بىمارلارنىڭ ئالامەتلىرى ئاشقازان ياللۇغىغا ئوخشايدۇ، ھەم ئاشقازان ياللۇغىكەن دەپ بەزى دورىلارنى بېرىمىز. ئەمما تەكشۈرۈپ كەلسە، بۇ بىمارلاردا ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، ئۆت ياللۇغى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇلارغىمۇ دىققەت قىلىپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ. شۇڭا بەدەندە ئالامەتلەر بولسا، مەيلى ئاشقازان ياللۇغى بولسۇن ياكى باشقا كېسەللىكلەردىن بولسۇن، چوقۇم بىر دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىپ بېقىش كېرەك.

 

مەن نۇر دوختۇر

ئاشقازان ۋە ئاشقازان ياللۇغى توغرىلىق لىكسىيەمىز مۇشۇ يەردە ئاياقلىشىدۇ. ئەگەر ياقتۇرغان بولسىڭىز، باش بارماق بېرىپ قويۇشنى ۋە ئەتراپىڭىزغا تارقىتىپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

كۆرۈشكىچە سالامەت بولۇڭلار

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-12-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-04-02 / 03:24:23

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ