نۇرمەمەت دوختۇر

تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!
18 تانە باھا سۆزى بار
2441 يازمىسى بار

ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﻩﻱ ﺩﯦﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘ 12 ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﯓ

ﺑﯘ ﺗﯧﺰ ﺭﯦﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ، ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺋﯚﻣﯜﺭﮔﻪ ﺗﻪﮪﺪﯨﺖ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﮪﺎﻟﺒﯘﻛﻰ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ 12 «ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ»ﻗﺎ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ، ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺧﻪﯞﭘﯩﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﭗ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﺎﻏﻼﻡ، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ.

11 ياشلىق قىز بىمار ئۆپكە ياللۇغى رېنتىگېن كۆرۈنۈشى

11 ياشلىق قىز، ئىلگىرى زىيادە سېزىمچانلىق زىققە كېسىلى بار بولۇپ، ئارىلاپ ئارىلاپ بۇسلاش ماشىنىسى ئىشلىتىدىكەن. مەزكۈر بىماردا 10 كۈننىڭ ياقى يۆتەل بەلغەم ۋە قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. 7 كۈننىڭ ياقى ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسى (ئانتىبىيوتىك) ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئالامەتلەردە ئازىيىش كۆرۈلمىگەن ۋە بۇ سەۋەبلىك جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كەلگەن.

2 ياشلىق د ۋىتامىن كەمچىللىك راخت كېسىلى رېنتىگېن ۋە بەدەن كۆرۈنۈشى

د ۋىتامىن (D vitamin) بوۋاق بالىلارنىڭ سۆڭەك ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما كۆپىنچە ئاتا ئانىلار بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرەلمەي قالىدۇ. كۆپىنچىلىرىنىڭ ئېڭىدە بالىغا ئانا سۈتى ۋەيا ئىنەك سۈتى يىتەرلىك دەپ ئويلايدۇ. نەتىجىدە كۆپىنچە بالىلار ۋىتامىن كەمچىللىك سەۋەبلىك بەدەن ئاغرىيدىغان، ئۆسۈپ يىتىلىشى ئاستا بولىدىغان ھەتتا ئېغىر ئەھۋاللاردا راخت كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. تۆۋەندە بالىنىستىمىزدا 3 ھەپتە د ۋىتامىنى كەمچىل سەۋەبلىك راخت كىسىلى بولغان بالىنىڭ رەسىمىنى تەمىنلىدۇق.

مېڭىسىگە ئۆزەك كۆچۈرۈلگەن پالەچ ئادەم شاھمات ئوينىيالىدى

ئامېرىكا «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 20-مارتتا ، ئېلون ماسكنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى مېڭە كومپيۇتېر كۆرۈنمە يۈزى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان Neuralink شىركىتى تەرىپىدىن مېڭىسىگە ئۆزەك جايلاشتۇرۇلغان كىشىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى فىلىم شەكىلدە ئېلان قىلغان. پالەچ كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان بۇ ئادەم ئالدىنقى ۋاقىتلاردا ئۆز ماقۇللۇقى ئاساسىدا Neuralink شىركىتى تەرىپىدىن مېڭىسىگە كومپىيوتېر ئۆزەك كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ يېڭى ئېلان قىلىنغان فىلىمدە، بىمارنىڭ پەقەت مېڭىسى ئارقىلىق كونۇپكا تاختىسىنى ۋە مائۇسنى كونترول قىلىپ، كومپىيوتېردا دۇنيا شاھمىتى ئوينىيالىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئادەم-ئولىۋېرس يىغىندى ئالامەتلىرى

ئادەم-ئولىۋېرس يىغىندى ئالامەتلىرى (Adams-Oliver Syndrome) تۇغما خاراكتىرلىك كېسەللىك بولۇپ، بۇ كېسەللىك كۆرۈلگەن بىمارنىڭ تېرىسى يېتىلىشىدە نۇقسانلىق ۋە تۆت ئەزانىڭ تەرەققىي قىلىشىدا تۇغما نۇقسانلىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

پرۇن بەللى (قۇرۇق قارىئۆرۈك قورساق) يىغىندى ئالامەتلىرى Prune Belly Syndrome

پرۇن بەللى (قورساق) يىغىندى ئالامەتلىرى ( Prune Belly Syndrome ، PBS ) يەنە ئىگول (بۈركۈت)-باررېت يىغىندى ئالامەتلىرى (Eagle-Barrett syndrome) دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، بۇ كەم ئۇچرايدىغان تۇغما كېسەللىك بولۇپ ، ئۈچ خىل بىنورماللىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ: 1) قورساق مۇسكۇلىنىڭ يېتىلىشى يېتەرلىك بولماسلىق ، 2) سۈيدۈك يولى قالايمىقانلىشىش ۋە 3) يېتىلمىگەن ئۇرۇقدان (يوشۇرۇن ئۇرۇقدان). بۇ تۇغما كېسىلى قىزلارغا قارىغاندا ئەركەكلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ ، ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ.