دوختۇرلار تورى

تەن ساقلىق زور بايلىق

ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشنى داۋالاش ئۇسۇللىرى

ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش ئۇسۇللىرى

*بىر قانچە تال كاۋاۋىچىننى ئېغىزغا سېلىپ چايناپ، شۈمۈپ بەرسىمۇ ، دەملەپ ئىچسىمۇ ئۈنۈمى بولىدۇ.

* بادام مېغىزىنىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تەڭ مىقداردىكى ھەسەلگە قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاۋاز ئېچىلىدۇ.

* ئاق لەيلىگۈلىنىڭ ئۇرۇقى ، كۆكنار ئۇرۇقى ، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقىنى سوقۇپ، دەملەپ، تاماقتىن كېيىن ئىچىپ بېرىش، چەينەكنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، كاناينىڭ ئىچى ۋە سىرتىنى ھورداش، ياغلىق ، قورۇغان تاماقلاردىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.

* كالا سۈتىنى قاينىتىپ، ئازغىنە سودا سېلىپ، ئىسسىق پېتى ئىچىپ بېرىش كېرەك. كاناينى سىرتىدىن ئىسسىق سۈت ، قۇيرۇق ياغدا ياغلىسا بولىدۇ ۋە كاناينى ئىسسىق ساقلاش كېرەك. كانايغا سىرتىدىن ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

* تاتلىق ئانارنى سىقىپ سۈيىنى ئىسىتىپ، ئىسسىق پېتى كۈنىگە ئىككى ۋاخ، ئۈچ قوشۇقتىن ئىچىپ بەرسە، يۇتقۇنچاق ۋە ئاۋاز ئېچىلىدۇ. ئۇنى نەيچە بىلەن ئاز-ئازدىن ئاستا سۈمۈرۈپ كانايدا ئۇزاق توختىتىپ ئىچىش كېرەك. تېز ئىچىۋەتسە ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ.

* زەنجىۋىلنى سوقۇپ، سۈتكە چىلاپ، ئاق قىچىنى سوقۇپ قوشۇپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلسا، ئاۋازنىڭ ئېچىلىشىغا ئۈنۈملۈك ياردىمى بولىدۇ.

مەزكۈر مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-12

مەزكۈر مەزمون ئاخىرقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:09:38

سەمىمىي ئەسكەرتىش
بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

نۇر دوختۇر Doctor Nur
نۇر دوختۇر Doctor Nurhttp://dohturlar.com
تەن ساقلىق، زور بايلىق. دوختۇرلۇق مېنىڭ كەسپىم، تور بەت لايىھەلەش مېنىڭ قىزىقىشىم، بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ خەلقىم ئۈچۈن بىراز ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا مېنىڭ ئەڭ چوڭ خوشاللىقىم بولىدۇ!

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

قالدۇرۇلغان باھالار

سۆز قالدۇرۇش

Please enter your comment!
Please enter your name here

سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىز

1,656FansLike
697FollowersFollow
1,860SubscribersSubscribe

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر