ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ھەققىدە ھىكايە ۋە ئىبرەتلەرئايالىم ۋە قىزىم ئۈچۈن مەن ئۆزەمنى ئوڭشىۋېلىشىم كېرەك

ئايالىم ۋە قىزىم ئۈچۈن مەن ئۆزەمنى ئوڭشىۋېلىشىم كېرەك

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

“مېنىڭ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا كىرگىنىمگە يېرىم ئاي بولۇپ قالدى ھەر كۈنى ئويلايدىغىنىم ئايالىم،قىزىم ۋە مەن سەۋەبلىك خانىۋەيران بولغان ئائىلەم مەيلى جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرسەممۇ،ئۆيدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشنىلا ئويلايمەن “بۇ ئوتتۇرا ياشلىق لاۋ سوڭنىڭ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەن مۇخبىرغا دېگەن سۆزى

نەچچە يىل ئىلگىرىلا لاۋ سوڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتاتتى. ئايالى مېھرىبان ئىنتايىن مۇلايىم بولۇپ،10نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىممۇ ئۇرۇشۇپ باقىمىغان.قىزى مەكتەپتە ئىنتايىن ياخشى ئوقۇيتتى.داڭلىق ئالىي مەكتەپكە ئۈتۈپ كېتىشىدە گەپ يوق ئىدى.2002-يىل باھار بايرىمىدا،ئۇ تۇنجى قېتىمزەھەر دېگەن نىجىسقا ئۇچراپ قالدى.”بىرىنچى قېتىم چەككەندە ھېچقانداق ھېس قىلمىغان،ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەن، كىيىن يەنە چېكىپ سېلىپ خۇمار بولۇپ قالدىم، ئەمدى كېچىكتىم.”كېيىن ئۇنىڭدا باشقىچە ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىدى.ئۇ ئۆزىنى ئۆيگە سولىۋېلىپ كارىۋاتتا مىدىرلىماي ياتاتتى.ئايالى بىلەن قىزى بۇنىڭدىن غەلىتىلىك ھېس قىلاتتى.لاۋ سوڭنىڭ خۇتۇن-بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلگىدەك رايى يوق ئىدى.ئۇنىڭ كۆڭلىدە پەقەت زەھەرلا بار.ئايالى ئاخىرى ئۇنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلدى.زەھەر ئۇنى ئۆزگەرتىۋەتتى.

بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇ ئالتە قېتىم زەھەر تاشلاپمۇ تاشلىيالمىدى.لاۋ سوڭ مۇنداق دېدى:”زەھەر چەككەن ئادەمنىڭ زەھەر خۇمىرى تۇتقاندا،ئادىمىيلىكىنى يوقىتىدۇ،پەقەت زەھەرنى بىر چىكىۋالسىلا ھەممە ئىشنى قىلالايدۇ، ھەتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشنىمۇ ئويلىيالايدۇ”.ئۇ قىسقىغىنە ئۈچ يىلدا 300 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك توپلىغان پۇلىنى چىكىپ تۈگەتتى،ئۆينىمۇ سېتىۋەتتى،خىزمىتىمۇ يوق بولدى،بىر ئائىلىدىكىلەر خانىۋەيران بولۇپ كەتتى.

2006-يىل6-ئاينىڭ6-كۈنى،لاۋسوڭ خەنجا خې زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۇ ھەر كۈنى ئەتراپتىكىلەرنىڭ تاپا-تەنىلىرىنى ئاڭلايتتى.لاۋ سوڭ بۇرۇنقى ئۆتمۈشىنى ئويلاپ،بەختلىك ئائىلىسىنى چىرايلىق،ئەقىللىق قىزىنى ئەسلەپ،كۆڭلى بىر خىل ئاچچىق بولاتتى.ئەمما ئۇنىڭغا تەسەللى بولغىنى،ئايالى ئەزەلدىن ئۇنى تاشلىۋەتكەن ئەمەس،ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ زەھەرنى تاشلاپ يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەنىدى.لاۋ سوڭ مۇنداق دېدى:”ئادەم پەقەت بىر نەرسىسىنى يوقاتقاندىلا، ئاندىن بۇرۇن ئەھمىيەتسىز دەپ قارىغان نەرسىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىكەن”.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-04-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-03-28 / 08:18:13

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ