ئاياللار كېسەللىكىنىڭ سەۋەبلىرى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ئاياللارنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكى، ئىستىمال قىلغان يىمەكلىكلىرىنىڭ تەسىرى، تاشقى مۇھىتنىڭ بىۋاستە تەسىرى، نورمال بولمىغان جىنسىي ئالاقىنىڭ تەسىرى، نورمال بولمىغان تۇغۇتنىڭ تەسىرى، تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، باشقا ئەزالاردىكى كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرى، تۇغما ئامىللارنىڭ تەسىرى ۋە بالا چۈشۈرۈش قاتارلىقلارغا ئوخشاش كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ.

ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ئاياللارنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكى، ئىستىمال قىلغان يىمەكلىكلىرىنىڭ تەسىرى، تاشقى مۇھىتنىڭ بىۋاستە تەسىرى، نورمال بولمىغان جىنسىي ئالاقىنىڭ تەسىرى، نورمال بولمىغان تۇغۇتنىڭ تەسىرى، تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، باشقا ئەزالاردىكى كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرى، تۇغما ئامىللارنىڭ تەسىرى ۋە بالا چۈشۈرۈش قاتارلىقلارغا ئوخشاش كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ.

 

  1. ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزالىرى مىزاجىنىڭ ماددىسىز ياكى ماددىلىق بۇزۇلۇشى ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئىچكى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىدۇ ياكى ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ بىۋاسىتە پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ . .

 

  1. مېڭە، يۈرەك، جىگەر قاتارلىق رەئىس ئەزالار خىزمىتىنىڭ بۇزۇلۇشى ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.

 

  1. تەبىئەت كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى، يەنى ئىچكى – تاشقى ئامىللار سەۋەبىدىن ئورگانىزمدىكى ھەر خىل قۇۋۋەتلەرنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن تەبىئەت كۈچىنىڭ تۆۋەنلشىشى بىر قىسىم ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ كېلىپچىقىشىغا سەۋەب بولىدۇ .

 

  1. يېمەك – ئىچمەك نورمال بولماسلىق، يېمەك – ئىچمەك تەرتىپى نورمال بولماسلىق، مىزاجغا ماسلاشتۇرۇپ يېمەكلىك ئستېمال قىلماسلىق، ئوزۇقلۇق يېتىشەسلىك، ئۆتكۈر غىدىقىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى يېەكلىكلەرنى كۆپ مىقداردا ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلار بىر قىسىم ئاياللار جىنسىي ئەزا كېسەللىكلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

 

  1. ئىچكى ئاجراتما بەزلەر خىزمىتىنىڭ نورمالسزلىقى، يەنى ئىچكى – تاشقى ئامىللار سەۋەبىدىن ئىچكى ئاجراتما بەزلەر خىزمىتىنىڭ
  2. قالايمىقانلىشىشىدىن تۈرلۈك ئاياللار كېسەللىكى كېلىپ چىقىدۇ.

 

  1. چىرىگەن، بۇزۇلغان يېمەك- ئىچمەكلەرنى، ئۆتكۈر تەسىرلىك دورىلارنى ۋە باشقا زەھەرلىك ماددىلارنى ئىستېمال قىلغاندا ئۇلارنىڭ بەدەننى زەھەرلىشى ۋە زەخىملەندۈرۈشىدىن بىر قسىم ئاياللار كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ،

 

  1. ھامىلىدار بولۇشتىن ساقلىنىش تەسىرى بولغان دورىلارنى كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىش ياكى ئۇزاق مەزگىل ئستېمال قىلىشتىن جىنسىي ئەزا ۋە رەئىس ئەزالارنىڭ نورمال خىزمىتى ئۇزاق مەزگىل قالايىقانلىشىپ، بىر قسىم ئاياللار كېسەللىكلىرى كېلىپچقىدۇ.

 

  1. بەزى ئاياللار كېسەللىكلىرى ئەجدادلىرىدىن ئىرسىيەت قېلىپ بەدەندە ئاشكارىلىنىدۇ.

 

  1. ئاسان ئاچچىقلىنىش، تىت تىت بولۇش، ھەسەتخورلۇق، ئىچى تارلىق، باشقىلارنى كۆرەلمەسلىك، قىلالمايدىغان ئىشلارغا جاھىللىق بىلەن ئېسلىۋېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش ناچار روھىي كەيپىياتلار ئىچكى ئاجراتما بەزلەر ۋە رەئىس ئەزالار خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بىر قىسىم ئاياللار كېسەللىكلىرىنى تەدرىجىي پەيدا قىلىدۇ.

 

  1. ھەر خىل ئامىللار سەۋەبىدىن ئاياللار جىنسىي ئەزالىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىسا، شۇنىڭغا مۇناسىپ بولغان تۈرلۈك ئاياللار كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ.

 

  1. بەزى ئاياللار كېسەللىكلىرى باشقا ئەزالاردىكى كېسەللىكلەرنىڭ تەسىرىدىن كېلىپچىقىدۇ.

 

  1. بەزى ئاياللار كېسەللىكلىرى تۇغۇلغاندىلا پەيدا بولغان بولىدۇ.

 

  1. تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ھاۋاغا قاراپ كىيىنىشكە ئەھمىيەت بەرمەسلىك، جاراسىملارنىڭ تەسىرى، ھەر خىل غىدىقلاشلارنىڭ تەسىرى، ھەيز مەز گىلىدە، چىللە مەزگىلىدە ياكى روھىي كەيپىيات ياخشى بولمىغان ، جىنسىي ئىنتىلىش تولۇق قوزغالمىغان مەزگىلدە جىما قىلىش، نورمال بولمىغان جىما بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش قاتارلىقلار مۇناسىپ ھالدىكى ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.

 

  1. ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، يىقىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش سىرتقى زەربىنىڭ تەسىرىدىن بىۋاسىتە ياگى ۋاسىتىلىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ.

 

  1. تۇغۇتنىڭ بىنورمال بولۇشى، تۇغۇت جەريىدا تۇغۇت ئانىسىنىڭ تۇغدۇرۇش مەشغۇلاتىنىڭ توغرا بولماسلىقى، كۆپ بالا چۈشۈرۈش ۋە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئەسۋابلىرىنىڭ تەسىرى قاتارلىقلاردىنمۇ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ.

 

  1. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۈتۈنۈشنىڭ توغرا بولماسلىقى ياكى يېتەرلىك بولماسلىقى بىر قىسىم ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

 

  1. بالاغەتكە يەتمەي تۇرۇپ توي قىلىشمۇ ئاياللار كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

  1. كۆپ تۇغۇش، ئېغىر نەرسلەرنى كۆتۈرۈش، زىيادە كۈچىنىپ ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلارمۇ ئاياللار كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

 

«ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى 5-جىلد» دىن ئۈزۈندە

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-08

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:14:04

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ