ئاياللار كۈزلۈك ساغلاملىقى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كۈز كىرىشى بىلەن ئادەمنىڭ بىيولوگىيەلىك سائىتى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاسانلا ھەر خىل ئاياللار كېسەللىرى كېلىپ چىقىدۇ. خالىشىن موڭغۇل تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئاياللار كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: شەخسى تازىلىقنى ياخشى قىلىش، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىش، قەرەللىك بەدەن تەكشۈرتۈش قاتارلىقلار ئاياللار كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ئاچقۇچ.

ئەگەر ئاياللار ئۆزىنى جىنسىي يول يەللىكى بولغانلىقىدىن گۇمان قىلسا، ۋاقتىدا مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ، كېسەل ئەھۋالىنى ئېنىق بېكىتكەندىن كېيىن، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە جىنسىي يول يەللىكى ئۈزۈل – كېسىل ساقايغىچە داۋالىنىشى كېرەك.

ئاياللار ئاياللار كۈزلۈك ساغلاملىقى

داۋالانغاندا كېسەل ئالامەتلىرىگە نىسبەتەن پۈتۈن بەدەنلىك داۋالاشقا ئېتىبار بېرىپ، دورا ئىشلىتىش كېرەك. كېسەل ئەھۋالىغا نىسبەتەن موڭغۇل تېبابىتى دورىلىرى بىلەن جىنسىي يولنى يۇيۇپ، جىنسىي يولغا دورا سېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، غەرب تېبابىتى دورىلىرى بىلەن ئۇنىۋېرسال داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش لازىم.

جىنسىي يول يەللىكىنى داۋالاش قىيىن ئەمەس، قىيىن بولغىنى ئۇنىڭ قايتا قوزغىلىشىنى توسۇش، شۇڭا دورىنى رىتىملىق، يېتەرلىك مىقداردا ئىشلىتىش ھەم قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، كېسەل ئالامەتلىرى سەل ياخشىلانسىلا دورىنى توختىتىپ قويماسلىق كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، قېپقالغان كېسەل قوزغاتقۇچىلار يەرلىك ئورۇندا داۋاملىق كۆپىيىپ، يەللىك قايتا قوزغىلىپ قالىدۇ.

داس بوشلۇقى يەللىكى

ئاق خۇن كۆپىيىش، قىزىش، قورساق ئاغرىش، بەزىدە كۆڭلى ئېلىشىش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىقلار داس بوشلۇقى يەللىكىنىڭ تىپىك ئالامىتى. داس بوشلۇقى يەللىكى كۆپ ھاللاردا بالىياتقۇ بوينى يەللىكى، جىنسىي يول يەللىكى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا داۋالىماسلىقتىن، تەتۈر يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. داس بوشلۇقى يەللىكىنى داۋالاشتا، ئالدى بىلەن، كېسەلنىڭ قوزغىلىش سەۋەبىنى كونكرېت ئېنىقلاپ، ئالامەتلىرىگە قارىتا ھوردىنىش ۋە دورا ئىشلىتىش كېرەك. داس بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش قىيىن، شۇڭا موڭغۇل تېبابىتى بىلەن غەربچە داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدا دورا ئارقىلىق داۋالاش بىلەن فىزىكىلىق داۋالاش، پۈتۈن بەدەنلىك داۋالاش ۋە يەرلىك ئورۇننى داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە قورساق قىسمى مىكرو دولقۇنى، جىنسىي يول مىكرو دولقۇنى ئارقىلىق كېسەل ئوچىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىچى – تېشىدىن بىرلا ۋاقىتتا تۇتۇش قىلغاندا، يەللىك ئۈنۈملۈك تىزگىنلىنىدۇ. يەنە مەقئەتتىن دورا سېلىش ئۇسۇلىنى قوللانسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئىنچىكە ئۈچەيدە قىل قان تومۇرلار كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قان تومۇرلارنىڭ يۆنىلىشى بالىياتقۇغا يېقىن بولغاچقا، دورىنىڭ تولۇق سۈمۈرۈلۈشىگە ياردىمى بولۇپ، يەللىكلەنگەن ھۈجەيرىلەرنى ئۆلتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

بالىياتقۇ بوينى يەللىكى

پات – پات سىيىش، سۈيدۈك قىستاش، قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى ئاغرىش، ئاق خۇنغا قان يېپچىلىرى ئارىلاش كېلىش قاتارلىقلار بالىياتقۇ بوينى يەللىكىنىڭ تىپىك ئالامىتى. ئۇ ھەر قانداق ياشتىكى ئايالدا كۆرۈلىدۇ، LEEP پىچىقى بىر خىل بىخەتەر، ئۈنۈملۈك سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى يەللىكىنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇلى. ئۇ بىر خىل ‹‹ئىچىدىن تېشىغا›› كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلغان بالىياتقۇ بوينى يەللىكىنى داۋالاشتىكى ئەڭ يېڭى ئۇسۇل بولۇپ، ئۇ ئورۇن بەلگىلىشى توغرا، ئەكس تەسىرى ئاز داۋالاش ئۇسۇلىدۇر.

سۈيدۈك يولى يەللىكى

سۈيدۈك يولى يەللىكىنى داۋالاشتىن بۇرۇن دورىغا سەزگۈرلۈك سىنىقى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ، لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، سەزگۈر دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ. يۇقىرى بېسىملىق كىلىزما قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ دورىنى بىۋاسىتە كېسەل ئوچىقىغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق باكتېرىيە يوقىتىلىدۇ، سۈيدۈك يولىنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق چاپلىشىپ قالغان ئورۇنلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاجرالما ماددىلار بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ.

ئاياللار بۇ كېسەللەرنى داۋالىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ياخشى داۋالاش ئۇسۇلىنى تاللاپ، كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەرنى ئۈزۈل – كېسىل يوقىتىپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى يەللىكىگە ئۆزگىرىشتىن ساقلىنىشى لازىم. سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى يەللىكى، ئادەتتە، تەستە ساقىيىدۇ.

بۇ يەردە كۆپچىلىككە بەزى دورىلار بىلەن داۋالىغاندىن باشقا، ئۆزىنى ئۆزى داۋالاشنىڭ ئەپچىل چارىلىرىنى تونۇشتۇرىمىز: ئالدى بىلەن، ئىككى ئالقاننى بىر – بىرىگە سۈركەپ قىزىغاندا، قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمىنى ئالقان بىلەن تۆۋەنگە قارىتىپ بىر نەچچە قېتىم ئۇۋىلىسا ھەم يوتىنىڭ ئىچكى تەرىپىنى يەنە ئالقان بىلەن بىر نەچچە قېتىم، ئاغرىغان ئورۇندا قىزىغاندەك سېزىم بولغۇچە ئۇۋۇلىسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ئاخىرىدا توققۇز كۆز قىسمىنى بىر نەچچە قېتىم ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن، ئۇۋۇلاش ئۇسۇلىنى ئىككى – ئۈچ مىنۇتقىچە ئۆزگەرتىپ قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى قىزىغاندەك بولغۇچە ئۇۋۇلىسا بولىدۇ. بۇ ھەرىكەتنى بىر نەچچە ھەپتە داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن روشەن ئۆزگىرىش بولىدۇ

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-01

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-01 / 04:04:01

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ