ئاياللار ۋە ھورداق

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ھورداق ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق كىلىنىكىلىق داۋالاش تەجرىبىسىدىن ئۆتكەن ئىلمىي ھەم ئۆزگىچە داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇللىرىدىن بىرى بولۇپ، ھوردىنىپ داۋالانغاندا، بەدەنگە ئۆزلىشىشى ۋە تەسىر قىلىشى تېز بولىدۇ مۇناسىۋەتلىك دورىلارنى تەييارلاش ئۇسۇلىمۇ ئاددىي بولۇپ پەسىل تاللاش ھاجەتسىز، داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنىڭ ھېچقانداق ئەكىس تەسىرى يوق، بىخەتەر، ئائىلىلەردىمۇ ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ

ئاياللار ۋە ھورداق

خانىم-قىزلار ئۆزىنىڭ مىزاجىغا قارىتا ئايدا ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم ھوردىنىپ داۋالانغاندا بەدەندىكى ماددىلارنىڭ ئالمىشىشىنى ياخشىلاپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتىكى چارچاشنى يېنىكلەتكىلى، چېچىلاڭغۇلۇق، روھىي چۈشكۈنلۈكنى پەسەيتكىلى، ئىچى تىتىلداش، بىھۇدە ئاچچىقلىنىش، ئۇنتۇغاقلىقنى يوقاتقىلى شۇنداقلا ساقلىقنى ساقلاپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، كۆڭۈلدىكىدەك داۋالىنىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ. ھورداقنى ئادەتتە كىلىنىكىدا كۆپرەك قوللىنىدىغان فىزىكىلىق داۋالاش تۈرىگە تەۋەلىرىدىن ھۆل ھورداق، قۇرۇق ھورداق، دورىلىق ۋاننا قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈش مۇمكىن. ھۆل ھورداق دېگىنىمىز ئادەتتە ئابزەن قاتارلىق تەبىئىتى مۇناسىپ ھالدا تەڭشەلگەن دورىلارنى قاينىتىپ شۇنىڭ سۈيىدىن چىققان ھوردا يېلىڭ كىيىم ياكى يالىڭاچ بەدەن ھالىتىدە ھوردىنىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا بەدىنىدە ھۆللۈك ئېشىپ كەتكەن، سېمىز، بەدىنى سۇلۇق ئىششىق كىشىلەر، رىماتىزىم، بەل- پۇت ئاغرىقلىرى ۋە ھەر خىل ئىچكى ئاجراتما قالايمىقان بولۇش قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەر داۋالىنىدۇ؛ قۇرۇق ھورداق دېگىنىمىز كېسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا يارىشا مۇناسىپ دورىلارنى قازاندا ئالدىنئالا شۇ خىل كېسەلنىڭ تەبىئىتىگە بېقىپ قاينىتىپ تەييارلانغان دورا سۈيىنى چېچىش ئارقىلىق قورۇپ، پاختا رەختتىن تىكىلگەن خالتىغا ئېلىپ بەل، تېقىم، گەجگە قاتارلىق پەللىلەرگە قويۇپ، يوتقانغا چۈمكىنىپ يېتىپ تەرلەش ئارقىلىق داۋالىنىدىغان بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلىدۇر؛ دورىلىق ۋاننا دېگىنىمىز، مۇناسىپ ئابزەن تۈرىدىكى ياكى شۇ خىل بىمارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ تەييارلانغان خام دورىلارنى قاينىتىپ تەييارلانغان دورا سۈيىنى ياغاچ تەڭنە ياكى چاقچۇق ۋاننىغا قۇيۇپ، بىمارلار يالىڭاچ ھالدا ئەت كۆيمىگۈدەك ھالەتتىكى دورا سۈيىدە يېتىپ بەدىنىنى يۇيىدىغان بىر خىل ھوردىنىش ئۇسۇلى بولۇپ، تېرە، بوغۇم كېسەللىكلىرى، نېرۋا، ئەسەبلەر ئاغرىش، جىمغۇرلۇق قاتارلىقلارغا بەكمۇ ماس كېلىدۇ.

ئادەم بەدىنى ئۆزىگە خاس تەبىئەت دەرىجىسىگە قاراپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، قۇرۇق ئىسسىق، قۇرۇق سوغۇق قاتارلىق تۆت تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئاياللار ھورداقتا داۋالانغاندا چوقۇم ئۆزىنىڭ مىزاجىغا باپ كېلىدىغان ئۇسۇلنى تاللاپ داۋالىنىشى لازىم. مەسىلەن، مىزاجى سوغۇق ئاياللار ھوردىنىپ داۋالانغاندا، قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بەدىنى ئىسسىماي قول–پۇتلىرى مۇزلاپ تۇرىدىغان، ئاق خۇن كۆپ كېلىدىغان، جىنسىي ئەزا قىچىشىدىغان، بەل، تىزغا كۆمۈرچەك ئۆسۈۋالىدىغان، بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىدىغان، ئۇيقۇسى قاچىدىغان، چوڭ-كىچىك تەرەت راۋان بولمايدىغان، رىماتىزىم، بەل-پۇتلار ئاغرىيدىغان، پۇت-قوللار ئۇيۇشىدىغان ئەھۋاللارنى داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى ياكى ئالامىتىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ؛ ئىسسىق مىزاجدىكى ئاياللار ھوردىنىپ داۋالانغاندا قان تومۇرلار كېڭىيىپ قان بېسىمى چۈشىدۇ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، ھەزىم سىستېمىسىنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رېماتىزىم، چوڭ-كىچىك بوغۇم ياللۇغى، بەل، بويۇنلاردا كۆمۈرچەك ئۆسۈش، ھەرخىل تېرە كېسەللىكلىرى، سەۋەبسىز باش ئاغرىش، پۇت-قوللار ئۇيۇشۇش، تېرە-مۇسكۇللار بوشىشىپ، خالتىلىشىپ قېلىش، بوۋاسىر قاتارلىقلارنى ياخشىلايدۇ. ئومۇملاشتۇرغاندا، ھورداق تۆۋەندىكىدەك كېسەللەرگە ئۈنۈم بېرىدۇ:

1. قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ. بەدەن قىزىغاندا قان تومۇرلاردىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ قىلدام قان تومۇرلارنىڭ ھەركىتىنى جانلاندۇرىدۇ. نەتىجىدە مېڭە ۋە يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك، پۇت-قوللار ئىسسىماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى ياخشىلاش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.

2. قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ. قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولسىمۇ، بىراق بۆرەك ۋە جىگەر خىزمىتىنىڭ نورمالسىز بولۇشى قان بېسىم بىمارلىرىغا ئورتاق بولغان ئەھۋالدۇر. ھورداق ئارقىلىق قان ئايلىنىش ياخشىلىنىدىغانلىقتىن بۆرەكنىڭ سوۋۇپ، ئاجىزلىشىشى(قان بېسىمنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن كۆپىنچە سۈيدۈك ھەيدەيدىغان دورىلار ئىشلىتىلگەنلىكتىن بۆرەكنىڭ يۈكى ئارتىپ كېتىپ پۇت-قوللار ئىسسىماسلىق، بىر قىسىم بىمارلاردا پۇت يېنىك دەرىجىدە ئىششىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ)، جىگەر ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلگەندە ھورداققا چۈشسە، بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈك ۋە بەلغەم قاتارلىقلار تەر تۈشۈكچىلىرى ئارقىلىق سىرتقا ئېقىپ چىقىپ قان تازىلىنىدۇ. نەتىجىدە قان بېسىمى نورماللىشىدۇ.

3. ھۆسىن گۈزەللەشتۈرىدۇ. ھوردانغاندىن كېيىن بەدەن قىزىغانلىقتىن بەدەندىكى تەر تۈشۈكچىلىرى ئىسسىقلىق تەسىرىدە كېڭىيىپ مۇناسىپ ئاجرالمىلار بەدەن سىرتىغا ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم داغ، سەپكۈن ۋە مۇدۇر-چوقۇرلار يوقايدۇ. بولۇپمۇ ھورداق ئاياللاردىكى ھەيز قالايمىقان بولۇش، چوڭ-كىچىك تەرەت نورمالسىز بولۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان تېرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى ياخشىلاشتا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ ھەمدە تېرىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇپ ئاياللارنىڭ چېھرىنى نۇرلۇق، جۇلالىق قىلىدۇ.

4. مىجەزنى تەڭشەيدۇ. ئاياللاردىكى كىلېماكتېرىيە، ھەيز ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى نېرۋا ئاجىزلىقى، مىجەزنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان تۈرلۈك خاپىغان بولۇش، ئۇنتۇغاقلىق، گۇمانخورلۇق قاتارلىق روھىي جەھەتتىكى بىنورماللىقنى تۈگىتىدۇ. بەدەننى چىڭىتىپ، روھلۇق، جانلىق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.

5. ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئورۇق، تېنى ئاجىز، ھەزىم سىستېمىسى ناچارلىشىش تۈپەيلىدىن ئاشقازان-ئۈچەينىڭ خىزمىتى ئاجىزلاشقان، تولا زۇكام بولىدىغان بىمارلارغا نىسبەتەن بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

6. قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىپ ئورۇقلىتىدۇ. ھورداق ئارقىلىق بەدەن قىزىغاندىن كېيىن بەدەندىكى تەر تۈشۈكچىلىرى، بۇرۇن، جىنسىي يوللاردىن تۈرلۈك ئەخلەت ھېسابىدىكى ئارتۇق يىغىندى ماددىلار، نەزلە سۇيۇقلۇقلىرى ئېقىپ چىقىپ ياغلارنىڭ پارچىلىنىشى، ماددا ئالمىشىش تېزلىشىدۇ، تەرەت راۋانلىشىپ زىيادە سېمىز كىشىلەر ئورۇقلاش مەقسىدىگە يېتەلەيدۇ.

7. ئاغرىق توختىتىدۇ. سوغۇقتىن بولغان رېماتىزىم، پەي-مۇسكۇللار تارتىشىپ قېلىش، بەل ئاغرىقى، باش ئاغرىقى، دوۋسۇن ئەتراپى ئاغرىش… قاتارلىق تۈرلۈك ئاغرىقلارنى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

8. ئىچكى ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلايدۇ. ئالايلۇق، بۆرەكنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشىلاپ ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش، خۇن تەۋرەش، ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان سۈيدۈك تۇتالماسلىق، سىزلام بولۇش، سوغۇق تەرلەش، تۆۋەنكى مۈچىلەر ئىسسىماسلىق، ئادەت بالدۇر توختاپ كېتىش، قۇلاق غۇڭۇلداش… قاتارلىق ئالامەتلەرنى ياخشىلايدۇ.

ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىمىز شۇكى، ھەيز ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى خانىم-قىزلار بىلەن بىر قىسىم ئېغىر كېسىلى بار بىمارلار ئىمكان بار ھورداققا چۈشۈشتىن ساقلىنىشى، ئەگەر زۆرۈر بولۇپ قالسا چوقۇم دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشى كېرەك.

دېمەك، دېئالىكتېكىلىق داۋالاش يەنى ئىسسىقنى سوغۇقلۇق قىلىش، سوغۇقنى ئىسسىقلىق قىلىش يولى بىلەن تەڭشەپ داۋالاش ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئەڭ ئەۋزەل، ئىلمىي تەرەپلىرىدىن بىرى. ھۆللۈك بىلەن ھارارەتنىڭ مۇۋازىنىتىنى ساقلاش دەل بەدەننىڭ نورماللىقىنى، تەننىڭ ساقلىقىنى ساقلاش دېگەنلىك. شۇڭا خانىم-قىزلارنىڭ زىيانسىز ئۇسۇللار ئارقىلىق سالامەتلىكىنى ئاسراشنى ئۆگىنىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاپتور: كۇچار ناھىيىلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدا

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-01 / 07:08:47

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ