ئاياللار ۋە ساغلام بەدەن

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

 ھەممىمىزگە مەلۇم يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ ساغلاملىق قارىشى پەيدىنپەي كۈچىيىپ، دەم ئېلىش كۈنلىرى، ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىتلاردا ھەر خىل چىنىقىش سورۇنلىرىغا بېرىپ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان چىنىقىش ئۇسۇللىرىنى تاللاپ ، ئۆزىنىڭ بەدەن سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىمۇ بىيىتماقتا. ھەرىكەت قىلىش – ئەڭ ئۈنۈملۈك ، ئەڭ بىخەتەر ساغلاملىق كاپالىتى ھىسابلىنىدۇ. چىنىقىش- ئادەم ئورگانىزىملىرىنى ياشارتىپ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇڭا ھەرقانداق كىشى بولۇپمۇ خانىم-قىزلار ھەر ۋاقت چېنىقىشنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرىشى لازىم. 

ئاياللار ۋە ساغلام بەدەن

خانىم – قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىدە نۇقسانسىز ، گۈزەل فىگۇر بولۇشنى خالايدۇ، لېكىن كۆپچىلىك خانىم – قىزلار ھەر كۈنى 40- 30 مېنۇت ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ چېنىقىش دەپ قارايدىغانلار خېلى كۆپ. ئىلمىيلىك نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش جەريانىدا ئانچە مۇنچە ھەركەت قىلىش بىلەن سېستىمىلىق چېنىقىشنىڭ پەرقى بار.

شۇڭا ھەركۈنى ئازراق ۋاقت ئاجىرىتىپ سېستىمىلىق چېنىقىش زۆرۈر. ئۆيدە تاماق ئەتكەن، قاچا يۇيغان، يۈز يۇيغان، بازار ئايلانغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپمۇ بەدەن چىنىقتۇرغىلى بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئوخشاشلا چىنىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى، ساغلاملىقىمىز ئۈچۈن يول ئاچقان بولىمىز. مەسىلەن، تاماق ئەتكەندە ، قاچا يۇغاندا ياكى ئۆي تازىلىغاندا قوساق ۋە بەلنى ھەركەتلەندۈرگىلى بولىدۇ، يەنى بىر تەرەپتىن ئۆي تازىلىغاچ بىر تەرەپتىن قوساقنى ئىچىگە 10 سېكۇنت تارتىپ – قويۇپ بۇنى ئەڭ ئاز بولغاندا 10 قېتىم داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بۇنداق بولغاندا قوساق قىسمنىڭ مۇسكۇلىنى چىڭىتىپ، قوساققا ياغ يىغىلىپ قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. يۈز يۇغاندا ، قول بىلەن باشنى كۆپ ھەركەتلەندۈرۈش، ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ يۈز تېرىسىنى مىدىرلىتىش، چىش چوتكىلىغاندا پۇتنىڭ تاپىنىنى 20 قېتىم كۆتۈرۈپ ، چۈشۈرۈش ئارقىلىق چىنىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ ، سوغاق سۇ بىلەن ئېغىزنى چايقاش ئارقىلىق زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا لىفىتقا چىقماسلىق، ئامال بار پەلەمپەيدىن چىقىپ چۈشۈش لازىم.

  كۈپۈنچە خانىم قىزلار سرتقا چىققاندا تاكسى ياكى كوچا ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرىدۇ، پىيادە مېڭىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇشتا پىيادە مېڭىشنىڭ پايدىسى كۆپ. شۇڭا سرىتقا چىققاندا مۇھىم ئىش بولمىسا ئامال بار پىيادە مېڭىش لازىم . پىيادە مېڭىش يۈرەك قان تومۇر سېستىمىسىنى ياخشىلاپ، قاندىكى ماينى سېرىش ، خەتەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بىرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ. بەزى خانىم–قىزلار ئىشخانىدا خىزمەت قىلغاندا ئېڭىشىپ ئولتۇرىدۇ، نەتىجىدە ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن كۆز تېلىش ، بويۇن ۋە مۈرە قېتىپ قېلىش ، بەل ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

بەدەن تەكشۈرۈش ۋە بەدەن سۈپىتىنى سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئۇنداق كىشىلەردە ئاسانلا يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ، بەدەن ئىلاستىكىلىقى ناچارلىشىش ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ، جىگىرىنى ياغ قاپلاش قاتارلىق كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا سېستىمىلىق بەدەن چىنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە خىزمەت ۋاقتىدىمۇ چوقۇم ئۈنۈملۈك بەدەن ئاسراش ھەركىتى قىلىش كېرەك. 

  ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئىشخانىدا خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەي بەدەن ئاسراش ھەركىتى ئىشلىگىلى بولىدۇ؟

  بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىغا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك: 

بىرىنچى، ئىگىز بىنالاردا ئىشلەيدىغانلار پەلەمپەيدىن پىيادە چىقىپ – چۈشۈش شارائىتىدىن تولۇق پايدىلىنىش.

ئىككىنچى، ئىشخانىدا كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئۈچ مېنۇت بەدەن قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ھەركىتى ئىشلەش.

ئۈچىنچى، باشنى ھەركەتلەندۈرۈش، تورۇسقا، ئاستا ئاستا ئىككى تەرەپكە تولغونۇپ تۇرۇپ ئىككى تەرەپكە نەزەر سېلىش.

تۆتىنچى، قولنى ھەركەتلەندۈرۈش ، قول بىلەن دولىنى ئۇرۇپ بىرىش، جەينەكنى تولغاش، كۆكرەكنى كېرىش، ئىككى مۈرىنى ئارقىغا يېيىش.

بەشىنچى، پۈتۈن بەدەننى ھەركەتلەندۈرۈش، ئورنىدا تۇرۇپ پۇتنى ئىگىز كۆتۈرۈش، زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇش ۋە چوڭقۇر نەپەس ئېلىش لازىم.

خانىم – قىزلار بەدەن چىنىقتۇرۇش ۋەئورۇقلاشنى ئۆزلىرىگە بېسىم قىلىۋالماي ، ۋاقىت يار بەرگەن شارائىتتا قەرەللىك ھالدا چىنىقىش مەيدانلىرىغا بېرىپ ئۆزلىرىگە مۇناسىپ كېلىدىغان چىنىقىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ چېنىققاندا ياكى ئائىلىدە ،ئىشخانىدە ھەرىكەت قىلىشنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئادىتىگە ئايلاندۇرغاندا كىيىنكى ساغلاملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-04

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-02 / 04:34:43

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ