ئانا سەھىپەئەرلەر يىگىتلەرئەرلەر ساغلاملىقىئايپاڭباش ئەرلەر ئەقىللىق كېلىدىكەن

ئايپاڭباش ئەرلەر ئەقىللىق كېلىدىكەن

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئەرلەردە ئايپاڭباشلار كۆپ، ۋاھالەنكى ئەرلەر ئايپاڭباش بولۇپ قالسا قېرىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، كۆڭلى يېرىم بولىدۇ ئەنگلىيەلىك فىزىيولوگىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە: ئايپاڭباش ئەرلەر ئەقلىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولىدىكەن

ئۇلارنىڭتەپەككۇر ئىقتىدارى ئادەتتىكى كىشىلەردىن كۈچلۈك بولىدىكەن، شۇڭا ئەرلەرنىڭ ئايپاڭباش بولۇشى پىشىپ يېتىلگەنلىك ۋە ئەقىلنىڭ بېشارىتى دەپ قارىلىدىكەن، ئۇنى ئوبرازلىق ھالدا››ئەقىلنىڭ چاقنىشى‹‹، دەپ ئاتاشقا بولىدىكەن.

ئايپاڭباش ئەرلەر ئەقىللىق كېلىدىكەن

ئادەتتە،ئايپاڭباش ئەرلەرنىڭ ئەرلىك ھورمونىنىڭ ئاجرىتىلىشى كۈچلۈك بولىدىكەن، ئەرلىك ھورمون ئوڭ تەرەپ يېرىم مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، ئوڭ تەرەپ يېرىم مېڭە رەسىم، گېئومېتىرىيە قاتارلىق بوشلۇقنى تونۇشتىكى تەپەككۇرغا مەسئۇل بولىدىكەن.

بوشلۇقنى تونۇش ئىقتىدارى بىلەن ماتېماتىكا جەھەتتىكى ئىقتىدارنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ بولغاچقا، ئايپاڭباش ئەرلەرنىڭ ماتېماتىكا جەھەتتىكى ئىقتىدارى ئاياللاردىن ۋە ئادەتتىكى ئەرلەردىن كۆپ يۇقىرى بولىدىكەن.

ئەرلىك ھورمونى خولېستېرىن ماددا ئالماشتۇرۇش، سۆڭەك ماددىسى بوشىشىپ كېتىش ھەم ئۆمۈر قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.بۇنىڭ قىزىقارلىقى شۇكى، ئەرلىك ھورمونى تېستوستېرىن ئەمەليەتتە بەدەن ئىچىدىكى خولېستېرىننىڭ ئۇرۇقدان قاتارلىق توقۇلمىلارنىڭ رولىدا ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولىدىكەن، شۇڭا ئەرلىك ھورمون سەۋىيەسى يۇقىرى بولسا، خولېستېرىن تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ يۈرەك، قان – تومۇر كېسلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى كىچىكلىتىدىكەن.

ئەرلىك ھورمونى ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىنى ۋە مۇسكۇللارنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، شۇنداقلا سۆڭەك ماددىسىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرۇپ،كالتسىينىڭ سۆڭەك ئىچىدىكى توپلىنىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن، شۇڭا ئايپاڭباش ئەرلەر ئاسانلىقچە سۆڭەك ماددىسى بوشىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولمايدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ئالىملىرى ئۇدا 12 يىل كۆزىتىش ئارقىلىق، ئايپاڭباش ئەرلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئايپاڭباش بولمىغانلاردىن %48 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. سېمىز كىشىلەر كۆڭۈللۈك ياشايدىكەن .

دۇنيادا قانداق كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈللۈك ياشايدۇ؟ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى جامۇس ئوۋسىننىڭ تەتقىقاتى بۇنىڭغا جاۋاب بەردى: ئۇ سېمىز كىشىلەر بىلەن ئورۇق كىشىلەرنىڭ بەدىنىنىڭ ئىچىدىكى خىمىيەلىك جەرياننى تەتقىق قىلغاندا، ئالدىنقىلارئاجرىتىدىغان ئېندورپىننىڭ كېيىنكىلەردىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ۋاھالەنكى ئېندورپىن بىر ئادەمنىڭ ياخشى كەيپىياتىنى ساقلىشىغا پايدىلىق؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، جىنسىي ھەۋەسنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ھورمونلارمۇ سېمىز كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە تېزلا پىشىپ يېتىلىدىكەن.

سوتسىيولوگلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشتۇيغۇسى جىنىس ئايرىمايدىكەن، ياش ۋە بايلىقنىڭمۇ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىكەن، ئەمماسېمىز – ئورۇقلۇق بىلەن بەلگىلىك مۇناسىۋىتى بولىدىكەن. كۆپ ساندىكى سېمىز كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللۈك ياشاش تۇيغۇسى ئورۇق كىشىلەردىن كۈچلۈك بولىدىكەن.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-27 / 04:16:27

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ