ئانا سەھىپەبىلىمتەۋسىيەلىرىمىزب ۋىتامىنلەر ھەققىدە بىلىملەر

ب ۋىتامىنلەر ھەققىدە بىلىملەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۈگۈن ۋىتامىنلار لىكسىيەمىزنىڭ 3-قىسمى، يەنى ب تۈردىكى ۋىتامىنلەرنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ چىقىمىز.

ۋاي ئاللاھ، ۋاي يەنە شۇ ۋىتامىنمۇ؟؟؟؟

بىز ئالدىنقى لىكسىيەلەردە، ئادەم بەدىنىگە مۇھىم بولغان 13 تۈرلۈك ۋىتامىن بار دىدۇق. يەنى ، ئا، ب ، سې ، د ،ې ۋە ك ۋىتامىنلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ب ۋىتامىنى 8 كىچىك تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ۋىتامىنلەر
ۋىتامىنلەر

ب ۋىتامىنلىرى ۋە س ۋىتامىنى سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلاردۇر. گەرچە ب ۋىتامىنى كۆپ تۈرلەرگە بۆلۈنگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 8 تۈرى  ۋىتامىننىڭ 4 شەرتىگە توشقاچقا، بۇ يەردە ۋىتامىن دەپ ئىسىم بېرىپ تۈرگە ئايرىغان.  بۇلار ب 1، ب 2، ب3، ب5، ب6، ب7، ب9، ب12 دۇر. قالغان ب4، ب8، ب 10، ب 11 ۋىتامىنلەرمۇ بار. ئەمما ئۇلارنى ۋىتامىن دىمەي ئۇدۇللا ئۆزىنىڭ تىببىي ئىسمى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە. چۈنكى بۇلار ۋىتامىننىڭ تۆت شەرتىنىڭ بەزىلىرىگە چۈشمەيدىغانلىقى بايقالغان.

ب ۋىتامىنلىرى تىزىملىكى
ب ۋىتامىنلىرى تىزىملىكى

ئەمىسە ب1 ۋىتامىندىن باشلايلى.

ب1 ۋىتامىن:

بۇ ۋىتامىن ئادەتتە گۆشلەردە، كۆممىقۇناق، بۇغداي، ئارپا، يېشىل نوقۇت، يەر ياڭىقى، قاتارلىقلاردا كۆپ بولىدۇ. ب 1 ۋىتامىنى قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ كۈنلۈك ئىھتىياج مىقتارى 1.2 مىللىگىرام ئەتراپىدا بولىدۇ.  ب1 كامچىل بولسا بېرىبېرى دەيدىغان ئىسمى قىزىقارلىق بىر كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ. بۇ كېسەللىكتە ئاساسلىقى ئورۇقلاپ كىتىش، ھالسىزلىنىش، ھىس تۇيغۇ ئورگانلىرى زەئىپلىشىش، پۇتى ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇرۇنقى زامانلاردا بۇغداينى گۈرۈچ قىلىپ ساقلاش جەريانىدا، بۇغداي دانچىسىنىڭ يۈزدىكى ب1 ماددىسى بولغان قىسمىنى بىلمەستىن ئېلىۋىتىش سەۋەپتىن بۇ ب1 ۋىتامىن كەمچىللىك كېسەللىكى مىڭ يىللارچە كىشىلەرنى قىينىغان. 19 ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا بۇغداي بىلەن بۇ بېرىبېرى كېسەللىكىنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقى بايقالغان. شۇنىڭدىن كىيىن بېرى بېرى كېسىلىنى ئاستا ئاستا ساقايتقان.

بېرى بېرى كېسەللىكى
بېرى بېرى كېسەللىكى

ب2 ۋىتامىنى: riboflavin      C17H20N4O6

ئادەتتە بادام، ياڭاق، لەردە كۆپ بولىدۇ. قۇرامىغا كەتكەن كىشىلەر بەدىنى كۈندىلىك ئىھتىياجى 1.3 مىللىگىرام ئەتراپىدا بولىدۇ. ب2 كەمچىل بولسا كۆپىنچە تىل ياللۇغى، جاۋغاي ياللۇغى، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، مايلىق تېرە ياللۇغى، كۆز مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى قاتارلىقلار كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. كۆپ ئىستىمال قىلىۋەتكەندە  بەزى ۋەقەلەردە بۆرەك كىچىك نەيچىسىدە توسۇلۇپ قېلىپ، كىچىك تەرەت قىلالماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

ب3 ۋىتامىنى: niacin     C6H5NO2

بۇ ۋىتامىننى بەزى يەرلەردە، ۋىتامىن پ پ دەپمۇ قويىدۇ. كۆپلىگەن يېمەكلىكلەردە تاپقىلى بولىدۇ. قۇرامىغا كەتكەن كىشىنىڭ كۈنلۈك ئىھتىياجى 16 مىللىگرام. ئەگەر كەمچىللىك بولۇپ قالسا، تېرە قوتۇرلىشىش ئەھۋاللىرى، ئۇيقۇسىزلىق، ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ.

ب5 ۋىتامىنى: Pantothenic acid      C9H17NO5

بۇ ۋىتامىن بەدەندە كوئېنزىم ئا ئىسىملىك بىر خىل ئاقسىل ئىشلەپ چىقىرىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، بۇ خىل ئاقسىل بېرىپ بەدىنىڭىزگە كىرگەن يېمەكلىكلەرنىڭ پارچىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىھتىياجى 5-8 مىللىگرام  ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ ۋىتامىن ئادەتتە كۆممىقۇناق، ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزاسى، پۇرچاق، قۇرۇق يەل يىمىش ،سۈتلەردە بولىدۇ. بەدەندە كەم بولۇپ قالغاندا، ھىس تۇيغۇلار نورمالسىزلىشىش، مۇسكۇللار تارتىشىش، زىيادە سىزىمچانلىق ھۆل تەمرەتكە قاتارلىقلار كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئەھۋاللار بەكلا بەك ئاز. بۇنىڭ سەۋەبىمۇ ب5 ۋىتامىننىڭ ناھايىتى كۆپ يېمەكلەردە بولىدىغانلىقى، تۇرمۇشتا ئانچە كەمچىل بولۇپ كەتمەيدىغانلىقى سەۋەبىدىندۇر.

ب6 ۋىتامىنى:

ب6 ۋىتامىنى بەدەندىكى ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ نورمال ئىشلىيەلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ۋە بۇ ئارقىلىق بەدەن ئىچىدىكى خېلىلا كۆپ ئورگانلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. بۇلار مەسىلەن، ئانتىبادىلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى، بەدەن ئىممۇنىت كۈچىنى يۇقىرىلىتىش، ئاشقازان سۈيىنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى، بەدەندىى مىنىرال ماددىلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ساقلىنىشى … قاتارلىق خېلىلا كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نورمال كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىھتىياجى 1.5 مىللىگرام ئەتراپىدا. بۇ ۋىتامىن تەبىئەتتىكى خېلىلا كۆپ يېمەكلىكلەردە بولىدۇ. شۇڭا ناھايىتى ئاز ۋاقىتلاردا كەمچىللىك بولىدۇ. ب 6 ۋىتامىنى كەمچىللىك كۆرۈلگەندە، ئىشتىھاسى ئازىلىش، ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش، ئېغىرراق بولغاندا قانسىزلىق، بوغۇم ياللۇغى، باش ئاغرىش، چاچ چۈشۈش، بالىلاردا تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

ب7 ۋىتامىنى          Biotin  C10H16N2O3S

بۇ يەنە ۋىتامىن خې مۇ دەپ قويىدۇ. ئاساسلىقى گېننىڭ نورمال ئىشلىشى، چاچ ۋە بەدەن ئىسكىلىتىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشىغا، يىمەكلىكلەرنىڭ بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن شىكەرگە ئىسسىقلىققا ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ ۋىتامىن ئاساسلىقى بېلىقلاردا، سۈت مەھسۇلاتلىرىدا، پۇرچاقلاردا، تۇخۇم سېرىقىدا كۆپرەك بولىدۇ. ساغلام كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىھتىياجى 30 مىكروگرام ئەتراپىدا بولىدۇ. كەمچىللىك كۆرۈلگەندە، تېرە سويۇلۇش، چاچ ئاقىرىش، ھۆل تەمرەتكە، چاچ چۈشۈش، ئۇيقۇسىزلىق، مۇسكۇللار ئاغرىش، كۆز قاپاق ياللۇغى قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ھامىلىلىكتە بۇ خىل ۋىتامىن بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ياكى بەك ئاز بولۇپ كەتسە، بالىدا تۇغما كېسەللىكلەر بولىدىكەن.

ب9 ۋىتامىنى          folic acid  C19H19N7O6

بىز دائىم ئاڭلايدىغان يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋىتامىنى دەل مۇشۇ ۋىتامىن ب9 دۇر. بۇ بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان قانسىزلىقىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭدىن سىرت ، ھامىلە مەزگلىنىڭ باشلىنىش ۋاقىتلىرىدا، چوقۇم ئىشلىتىشكە تىگىشلىك بىر ۋىتامىن. يۇپۇرماق كىسلاتاسى ۋىتامىنى ئادەتتە كۆكتاتلاردىن كىلىدۇ. پالەك، پۇرچاق، … … … .. ئىسىڭىزگە ھاياتىمىزدىكى قايسى يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار كەلسە شۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بولىدۇ. نورمال كىشىلەردە ۋەياكى ھامىلە ئاياللارنىڭ كۈندىلىك ئىھتىياجى 400 مىكروگرام ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەگەر بۇ كەمچىللىك بولۇپ قالسا، ئەڭ مۇھىم بولغان قانسىزلىق پەيدە بولىدۇ. ھامىلىلەردە بوۋاق بالىلار غەيرى شەكىلدە تۇغۇلۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت بۇ ۋىتامىننىڭ ئەرلىك جىنسىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بولىدىغانلىقى  ئىسپاتلانغان.

ب12 ۋىتامىنى        folic acid C19H19N7O6

ئاخىرقى بىر سۆزلەيدىغان ۋىتامىنىمىزغا كەلدۇق. ئۇ بولسىمۇ بۇ ب 12 ۋىتامىنى. بۇمۇ ب9 ۋىتامىنى يەنى يۇپۇرماق كىسلاتاسى ۋىتامىنىگە ئوخشاش، بەدەندە قانسىزلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋىتامىن. كۆپىنچە قانسىزلىق بولغان كىشىلەردە مۇشۇ ئىككى ۋىتامىن سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە نېرۋا سىستىمى نىڭ نورمال ئىشلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نورمال كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئىھتىياجى 2.4 مىكروگرام. ب12 ۋىتامىنى گۆشتە جىق بولىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت سۈتتە، جىگەردە، تۇخۇمدا، سېرىقمايدا، ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەردە جىقراق بولىدۇ. بەدەندە كەم بولغاندا، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، قانسىزلىق ھەم قانسىزلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت نېرۋا سىستمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، نېرۋا ياللۇغى، بەدەن تېرىسى ئۇيۇشۇش، قول پۇتلاردا ئۇيۇشۇش، نېرۋا يوللىرى يىگىلەپ قىلىش، ئىشتىھا ئازىيىش، كىچىك بالىلاردا بولسا ئۆسۈپ يىتىلىشى ئاستىلاش ياكى بىنورمالىق بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

ئادەم بەدىنىدىكى قايسى ۋىتامىنلارنى جىق تەكشۈرىدۇ؟

ئادەتتە بەدەندە قانسىزلىق بارمۇ يوق بار بولسا سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، كۆپىنچە ب12، ب9 يەنى يوپۇرماق كىسلاتاسى، تۆمۈر بۇ ئۈچ ماددىنىڭ بەدەندىكى مىقتارىنى تەكشۈرۈپ باقىدۇ. ب 6 نى بەزىدە تەكشۈرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، د ۋىتامىنىنىمۇ كۆپ ئەھۋاللاردا تەكشۈرىدۇ. ئەمما بۇنىڭدىن سىرت باشقا ۋىتامىنلەرنى دائىم تەكشۈرۈپ ئولتۇرمايدۇ.

ۋىتامىن كەمچىللىكى سەۋەبىدىن كېسەللىك پەيدا بولۇش

ھازىر تۇرمۇشىمىز بۇرۇنقى زامانغا قارىغاندا خېلى خېلىلا كۆپ ئۆزگىرىشلەر بار. يېمەكلىرىمىز ئىچىدە مول ۋىتامىن، مىنىرال ماددا، ئاقسىل ۋە باشقا ئوزۇقلۇقلار بولۇشقا باشلىدى. شۇڭا ۋىتامىنلەرنىڭ ھەممىسى كەمچىل بولۇش، ياكى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن كېسەللىك كېلىپ چىقىش ئەھۋاللىرى ناھايىتى ئاز. ئەمما تاماق تاللايدىغانلار، ياشانغانلار، ئاياللار، كىچىك بالىلار، سوزۇلما خاراكتىرلىك بەزى كېسەللىكلىرى بولغان كىشىلەردە يەنىلا بەدەندە مەلۇم بىر ياكى بىر قانچە ۋىتامىن يېنىك ياكى ئورتا دەرىجىدە ئازلاش ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىشى مۇمكىن.

شۇڭا يىغىپ كەلسەك، ئالدىنقى ۋىدىئودا دىگىنىمىزدەك، تاماقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ يىيىش، تۈرلىرىنى مول قىلىش، تاماق تاللىماسلىق لازىم. بىر خىل تاماقنى ياكى يىمەكلىنى جىق يىگەندە، بەدەن لازىملىق قىسمىنى مىقتارىنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىسمىنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ناھايىتى ئاز قوبۇل قىلغان تەغدىردىمۇ، بۇلار يىغىلىپ زەھەرلىنىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ھەممە ئىشنى نورمىلىق قىلغان ئەڭ ياخشى.

ۋىتامىن مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا

ساغلاملىق ۋىتامىن مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا، بەلكىم كېيىنكى لىكسىيەلەردە ئايرىم سۆزلىشىمىز مۇمكىن. ئەمما يەنىلا دەيدىغنىم، ساغلاملىق مەھسۇلاتى سېتىۋالغىچە، ئۇنىڭ ئورنىغا كۆكتات، گۆش، سۈت سېتىۋېلىڭ. ئاللاھ تائالا بىزگە مۇشۇ بەدەننى ھەم كەڭ زېمىندىكى نازى نىئمەتلەرنى بەرگەندىكىن، چوقۇم بەدىنىمىزنى شۇنىڭغا قارىتا لايىھىلىدى. چوقۇم بىر دورا، ياكى ساغلاملىق مەھسۇلاتى ئېلىش شەرت ئەمەس، بەلكى تەبىئىي ئۇسۇل بىلەن تولۇقلىلسا ئەڭ ياخشى. بۇنى مەيلى قايسى غەرىپ مىدىتسىنا دوختۇرىدىن سورىسىڭىز، بەلكىم ئوخشاش جاۋابنى بېرىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ لىكسىيەدىكى مەزمونلار پەقەت تورداشلارنىڭ پايدىلىشقا سۇنۇلغان بولۇپ، بۇ مەزمونلارمۇ شۇ ئۆزۈمنىڭ بىلىمى يېتىشىچە، توردىن كىتاپلاردىن ئۆگەنگەن ھەم بەزىلىرى كېسەل داۋالاش جەريانىدا يەكۈنلىگەن تەجرىبىلەرىمدىن ئىبارەت. ئەمما ئەگەر بەدىنىڭىزدە ياكى ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەردە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

كۆرۈشكىچە سالامەت بولۇڭلار.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-05-08

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-09-30 / 04:25:13

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ